شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ۋەكىل مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى: شىنجاڭنىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىشىدا «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەۋجۇت دېيىش پۈتۈنلەي قۇرۇق گەپ

2024.03.11 23:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلسام، قاردەك ئاپئاق پاختا بىزنىڭ ئالتۇندەك بايلىقىمىز، بىز پاختا تېرىش ئارقىلىق تاپقان پۇلىمىز بىلەن ماشىنا، ئۆي سېتىۋېلىپ، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرىمىز». شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزگەن ئومۇمىي يىغىننى جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىغا ئېچىۋەتتى. مۇخبىرنىڭ ئامېرىكا شىنجاڭنىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىشىدا «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەۋجۇت دەپ جار سالغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالىغا، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ئىككى ۋەكىل جاۋاب بېرىپ، بىر قاتار پاكىتلار ئارقىلىق بۇ سەپسەتەلەرگە رەددىيە بەردى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى ئەكرەم مەمتىمىن بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ تېرەكبازار يېزىسى سايمەھەللە كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كېۋەز ئۇلارنىڭ كەنتىدىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي زىرائەت بولۇپ، تېرىلغۇ كۆلىمى 7600 مودىن ئاشىدۇ. «مەن ئۆز كەچۈرمىشىم ئارقىلىق كۆپچىلىككە شىنجاڭنىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىشىدا <مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش> مەۋجۇت، دېيىشنىڭ پۈتۈنلەي قۇرۇق گەپ ئىكەنلىىنى چۈشەندۈرۈپ قويىمەن» دېدى ۋەكىل ئەكرەم مەمتىمىن.

  سايمەھەللە كەنتىدە كېۋەز تېرىشتا ئاپتوماتىك سىيالكا، دورا چېچىشقا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، پاختا تېرىشتە پاختا تېرىش ماشىنىسى ئىشلىتىلىدۇ. ھەممە ئائىلە پاختا تېرىش ماشىنىسى ئىشلىتىدۇ، ۋەكىل ئەكرەم مەمتىمىن «ئەجەبا بىز ماشىنىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپتىمىزما؟» دېدى.

  «ئاپئاق پاختا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئالتۇندەك بايلىقى، ئۇلار ئۆزىنىڭ يېرىنى تېرىپ، ئۆزىنىڭ پاختىسىنى تېرىپ، ئۆزىنىڭ ياخشى كۈنىنى ئۆتكۈزىدۇ، بۇنى يەنە مەجبۇرلاش كېرەكما؟» دېدى ئەكرەم مەمتىمىن.

  ۋەكىل جىن جىجېن مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئاتالمىش قانۇن لايىھەسىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، شىنجاڭنىڭ پاختا توقۇمىچىلىق ۋە توقۇمىچىلىق كەسپىنى باستۇردى، جازالىدى، بۇ ماھىيەتتە «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» نىقابى ئارقىلىق شىنجاڭدا «مەجبۇرىي ئىشسىز قالدۇرۇش»، «مەجبۇرىي نامراتلىق» پەيدا قىلغانلىق، ماھىيەتتە شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى توسقانلىق.

  ۋەكىللەر يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگودا ئەمگەك قانۇنى، ئەمگەك توختامى قانۇنى بار. شىنجاڭدا كېۋەز تېرىشتىن پاختا يىغىشقىچە، ئاندىن توقۇمىچىلىققىچە كارخانا بىلەن ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئوتتۇرىسىدا ئەمگەك قانۇنى، ئەمگەك توختامى قانۇنى قاتتىق ئىجرا قىلىنىدۇ، ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ