2023-يىلى شىنجاڭ ساقچىلىرى 17 مىڭدىن ئارتۇق تور ئالدامچىلىقى دېلوسىنى توسۇپ، 462 مىليون يۈەن زىياننىڭ ئالدىنى ئالدى

2024.03.01 12:13 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرنىڭ 2-ئاينىڭ 29-كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق ج خ ئورگانلىرى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2023-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ج خ جىنايى ئىشلار رازۋېدكا تارماقلىرى 5000 دىن ئارتۇق تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى جىنايى دېلوسىنى پاش قىلدى، 17 مىڭدىن ئارتۇق دېلو يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، 462 مىليون يۈەن زىياندىن ساقلاندى.

  2023-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا تارماقلىرى خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلاندى، جىنايى ئىشلار جىنايىتىگە زەربە بېرىشتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، چوڭ، مۇھىم دېلولاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى مۇقىم ئاشتى، پاش قىلىنغان دېلو سانى، پاش قىلىنىش نىسبىتى، قولغا ئېلىنغان جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ سانى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن يۇقىرى بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كۈچلۈك قوغداپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى كېڭەيتتى.

  تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى جىنايىتىگە چوڭقۇر زەربە بېرىش، تۈزەش ساھەسىدە، 2023-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە 6909 تور ئالدامچىلىقى دېلوسى تۇرغۇزۇلدى، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.9 تۆۋەنلىدى؛ 5027 قېتىم دېلو پاش قىلىندى، دېلو پاش قىلىش نىسبىتى %72.8 كە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 4.4 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى؛ 10 مىڭ 322 جىنايەت گۇماندارى قولغا ئېلىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23 ئاشتى.

  2023-يىلى ئاپتونوم رايونىمىز ساقچىلىرى 9 مىليون 992 مىڭ 400 تېلېگراف ئالدامچىلىقىدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرى تارقاتتى، يوشۇرۇن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى كۆرۈشۈپ نەسىھەت قىلىپ توسۇش، تېلېفون، قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق نەسىھەت قىلىپ توسۇش ئارقىلىق 17 مىڭ قېتىملىق دېلونىڭ يۈز بېرىشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك توسۇپ قالدى، 462 مىليون يۈەن زىياندىن ئۈنۈملۈك ساقلاندى؛ تور ئالدامچىلىقى دېلوسىدا ئالدانغان 77 مىليون 730 مىڭ يۈەن پۇل قايتۇرۇپ كېلىندى، بۇ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 43 مىليون 93 مىڭ يۈەن ئاشتى. 2023-يىلى شىنجاڭنىڭ تېلېگراف ئالدامچىلىقىغا چېتىشلىق مەبلەغدىن ئالدىن سىگنال بېرىش يىپ ئۇچىغا ئىمزا قويۇپ تاپشۇرۇۋېلىش قايتما ئىنكاس نىسبىتى، كۆرۈشۈپ نەسىھەت قىلىپ توسۇش نىسبىتى، قوغداش خاراكتېرلىك چىقىم قىلىشنى توختىتىش نىسبىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ