ئىككىدە بىرىنچى! شىنجاڭ بۇ كەسىپنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىكى «تۇلپار» بولۇپ قالدى

2024.02.21 15:54 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت پوچتا ئىدارىسى يېقىندا ئېلان قىلغان 2023-يىللىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، مەملىكەت بويىچە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەرنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى ۋە كەسپىي كىرىم ئەھۋالى ئىچىدە، شىنجاڭنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى (پوچتا شىركەتلىرىنىڭ پوسۇلكا كەسپىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) جەمئىي 305 مىليون پارچە، تېز يەتكۈزۈش كەسپىي كىرىمى جەمئىي 6 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم 88.1% ۋە %77.9 ئاشقان، بۇ ئىككى تۈرنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 1-ئورۇندا تۇرغان.

  2023-يىلى مەملىكەت بويىچە تېز يەتكۈزۈش كەسپى مۇقىم ئاشتى. ھەرقايسى رايونلارنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدىن قارىغاندا، ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى ئۆلكىلەرنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسپىنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ تېز بولغان. 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش سۈرئىتىدىن قارىغاندا، شىنجاڭ تېز يەتكۈزۈش كەسپىنىڭ ئېشىشىدىكى «تۇلپار» ئىكەن. شىنجاڭنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %88.1 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتىدە 1-ئورۇندا تۇرغان، ئۇنىڭدىن قالسا شىزاڭ، چىڭخەي، سەنشى، ئىچكى موڭغۇلنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %79.8، 58.6%، 56.5%، 51% ئاشقان؛ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تېز يەتكۈزۈش كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %77.9 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان، ئۇنىڭدىن قالسا چىڭخەي، سەنشى، گەنسۇ، شىزاڭ تېز يەتكۈزۈش كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %53، %38.8، %37، %35.8 ئاشقان.

  كەسپىي زاتلارنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، ئىقتىسادنىڭ تېز ئەسلىگە كېلىشى، بىۋاسىتە كۆرسىتىش، مال يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ كۆپ خىللاشقان توردا مال سېتىۋېلىش ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، خەلقئارا پوچتا يولى كېڭەيگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا تەجرىبە رايونى قۇرۇلۇشى باشلانغاچقا، شىنجاڭنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسپى تېز سۈرئەتتە ئاشقان.

  2024-يىللىق شىنجاڭ پوچتا باشقۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدا، شىنجاڭ پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى دېڭ مياۋ مۇنداق دېدى: 2023-يىلى پوچتا تېز يوللانمىسى سىستېمىسى، پۈتۈن ساھە بويىچە ئىچكى ئېھتىياجنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، قاتناشتا كۈچلۈك دۆلەت بولغان پوچتا سەھىپىسى ۋە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشنى تېزلىتىشكە پائال تۆھپە قوشتى. 2024-يىلى، كەسىپ يەنىلا مۇقىم ئېشىش ھالىتىنى داۋاملىق ساقلايدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى، كەسپىي كىرىم ئايرىم-ئايرىم ھالدا 350 مىليون پارچە ۋە 6 مىليارد 820 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15 ۋە %10 ئاشىدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ