قەشقەر قەدىمىي شەھىرى يەنە مەملىكەتلىك تىزىملىكتە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى

2024.02.21 15:42 مەنبە: خەلق تورى

  تېڭشۈننىڭ ئورن چوڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسەن 2024-يىللىق چاغاندا دۆلەت ئىچىدىكى قەدىمىي شەھەر، قەدىمىي بازارلارنىڭ قىزغىنلىقى Top10 تىزىملىكنى رەتلەپ چىقتى، بۇنىڭ ئىچىدە قەشقەر قەدىمىي شەھىرى تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى.

  سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، چاغان مەزگىلىدە قەشقەرنى ئىزدەش قىزغىنلىقى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %270 ئاشقان، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 351 مىڭ ئادەم (قېتىم)گە يەتكەن.

  چاغان مەزگىلىدە باش ئىستانسىنىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى شۆبە مەيدانى تۇرۇشلۇق جايلارنىڭ بىرى بولغان قەشقەر شەھىرىدىكى ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرى ساياھەتچىلىكنى ئادەتتىن تاشقىرى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدۈرگەن، مەدەنىيەت ساياھەت بازىرى 10-فېۋرالدىن 17-فېۋرالغىچە قەشقەر شەھىرى 988 مىڭ 500 ساياھەتچى (قېتىم) كۈتۈۋېلىپ، 807 مىليون يۈەن كىرىم قىلىنغان.

  قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدا گىرەلىشىپ كەتكەن كوچا يوللىرى ئەگرى-بۈگرى، خىلۋەت ئۆزگىچە ئىمارەتلەر قاتمۇقات جايلاشقان بولۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ بەزىلىرى سەيلە-ساياھەت قىلىپ، بەزىلىرى سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرۇپ، مېھرىنى ئۈزەلمەي، پۇخادىن چىقماي تۇرۇپلا قايتىپ كېتىشتى.

  قەدىمىي شەھەردىكى يېمەك-ئىچمەك مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى

  كاۋاپ، تونۇر كاۋىپى، مانتا، تۇخۇم...

  بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن خان بازار كەچلىك بازىرى ئۆز ئالاھىدىلىكى بىلەن قەشقەرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى نامايان قىلدى.

  بۇ تەتىلدە سىز قەشقەرگە باردىڭىزمۇ؟

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ