شىنجاڭلىق ماھىر دىلنىگار 14-نۆۋەتلىك قىشلىق دالىدا قار تېيىلىش تۈرىدە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى

2024.02.18 14:48 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2-ئاينىڭ 14-كۈنى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ئۇلانچاپ شەھىرى لياڭچېڭ مۇسابىقە رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن دالىدا قار تېيىلىش ئاشكارا گۇرۇپپىسىنىڭ ئاياللار قوش كىشىلىك قوغلىشىش مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ماھىرى دىلنىگار ئىلھامجاننىڭ ئىپادىسى ياخشى بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى. ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭ كوماندىسى 14-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە جەمئىي بەش ئالتۇن مېدال، توققۇز كۈمۈش مېدال، تۆت مىس مېدالغا ئېرىشتى.

  مۇسابىقىدە، دىلنىگار بىلەن خېيلۇڭجياڭ كوماندىسىدىكى چى چۈنشۆ كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان بىر مەيدان ئېلىشقان بولدى. كۈچەش پەيتىدە، چى چۈنشۆ، ئازراق ئۈستۈنلۈك بىلەن ئاخىرقى نۇقتىنى ئالدى بىلەن بۆسۈپ ئۆتتى، دىلنىگار 41 مىنۇت 26 سېكۇنت 9 دەقىقە نەتىجە بىلەن كەينىدىنلا مېڭىپ، كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى.

  دىلنىگار ئىلگىرى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا ئاساسىي مەشئەل يەتكۈزگۈچى بولغان. ئۇ دالىدا قار تېيىلىش ساھەسىدە ياخشى ئەمەلىي كۈچكە ئىگە. شىنجاڭ دالىدا قار تېيىلىش كوماندىسىنىڭ مۇئاۋىن يېتەكچىسى گاۋ ۋېي مۇنداق دېدى: «ئۇ ياخشى ئىپادىسى بىلەن چېمپىيونلۇققا كۈچلۈك جەڭ ئېلان قىلدى، گەرچە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ۋە نامايان قىلغان رىقابەت ھالىتى ئۇنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ».

  دالىدا قار تېيىلىشتا چاڭغا تاختىسى ۋە چاڭغا تېيىلىش ھاسىسى قورال قىلىنىدىغان بولۇپ، ئېدىرلىقلاردىكى ئېگىز-پەس تاغلاردا، بەلگىلەنگەن لىنىيەنى بويلاپ ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر خىل قار ئۈستى ماھارەت ھەرىكىتى. تاغقا چىقىش، بۇرۇلۇش، سىيرىلىش، سىيرىلىپ چۈشۈش قاتارلىق ئاساسىي تېخنىكىلارغا تايىنىپ، تۇتاش كەتكەن قارلىق تاغلار ئارىسىدا ئۇزۇن ئارىلىققا تېيىلىدىغان بولۇپ، بۇ دالىدا قار تېيىلىدىغان تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى. دالىدا قار تېيىلىش قوش قوغلىشىش مۇسابىقىسىدىكى قوش دېگەن سۆز ئەمەلىيەتتە قوش كىشىلىك دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل قار تېيىلىش تېخنىكىسى ئەنئەنىۋى تېخنىكا ۋە ئەركىن تېخنىكىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ ئىككى خىل تېخنىكىدا ھەرىكەت، ئۈسكۈنە ۋە مۇسابىقە يولى لايىھەلەش قاتارلىق جەھەتلەردە روشەن پەرق بار. ئەنئەنىۋى تېخنىكىدىكى سىيرىلىش ھەرىكىتى ئاساسلىقى بىر قەدەمنى نۆۋەتلەشتۈرۈش، ئىككى قەدەمنى نۆۋەتلەشتۈرۈش ۋە بىرلا ۋاقىتتا ئىتتىرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئىككى پۇتىنىڭ ھەرىكىتى مېڭىش ھەرىكىتىگە ئوخشايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ