شىنجاڭ 300 دىن ئارتۇق قانۇن خىزمەت پونكىتى تەسىس قىلىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ دەۋا تەلىپى ۋە ھوقۇق مەنپەئەت كاپالىتىنى قانۇن بويىچە ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى

2024.02.02 14:04 مەنبە: خەلق تورى

  ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ 3-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ ئىككى يىغىن ئاخبارات مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى، يىغىندا شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا ئالاقىدار ئەھۋاللار تونۇشتۇرۇلدى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىسى چېن جۇڭكۇەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىز 300 دىن ئارتۇق قانۇن خىزمەت پونكىتى تەسىس قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ۋە ئادۋوكاتلارنى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ دەۋا تەلىپى ۋە ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى قانۇن بويىچە ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىشقا تەشكىللەپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش، ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش، پىسخىكا ساغلاملىقى قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىدى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ