«تىيانشان تېغىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدىكى ئەڭ گۈزەل ئىمارەتلەر مەكتەپلەردۇر»

2024.02.02 14:01 مەنبە: خەلق تورى

  2- ئاينىڭ 1- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 2- يىغىنىنىڭ 3- مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى شىنجاڭ ئىككى يىغىن ئاخبارات مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى، شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا ئالاقىدار ئەھۋاللار تونۇشتۇرۇلدى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى پارتىيە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى گولىياڭ مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر يىللىق مائارىپ چىقىمى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشىدۇ بۇ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمىنىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ «تىيانشان تېغىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدىكى ئەڭ گۈزەل ئىمارەتلەر مەكتەپلەردۇر» دېگەن قاراش ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى. ئاپتونوم رايونىمىز بىر قاتار تەدبىرلەر ئارقىلىق رايون، شەھەر-يېزا، مەكتەپ، ئامما ئارىسىدىكى مائارىپ پەرقىنى ئۈزلۈكسىز كىچىكلىتىپ، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى «ئوقۇيدىغان مەكتەپ بولۇش»تىن تەدرىجىي «ياخشى مەكتەپتە ئوقۇش»قا ئۆزگەرتتى. قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەردىكى بالىلارنىڭ ئەندىشىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىدىن ئاسپىرانتلار مائارىپىغىچە تولۇق قاپلىغان ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ھەر يىلى 6 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىسىغا نەپ يەتكۈزدى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ