2024-يىلى شىنجاڭ خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتىدۇ

2024.01.30 16:26 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  سۈرەتتە: يىغىن نەق مەيدانى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى

  1-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن يىغىنغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.

  دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: 2024-يىلى، شىنجاڭ خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتىدۇ. «ئۈرۈمچى-سانجى-شىخەنزە» رايونىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ جەنۇبىي-شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش بويىچە تۇرۇبا يولىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالتاي ۋىلايىتى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى بەش تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تۇرۇبا تۈرىنى پۈتكۈزىدۇ؛ شەھەر-يېزىلارنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىدۇ؛ قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا پائال ياردەم بېرىدۇ-يۆلەيدۇ ۋە كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ رەقەملىك خەلققە قولايلىق يارىتىش، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «شىنجاڭ ئىچىدە بىرتۇتاش بېجىرىش»، «ئۆلكە ھالقىپ بىرتۇتاش بېجىرىش» دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى چاستوتىلىق ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ئىشلىرىنى ۋاقىتنى ئۇزارتىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاشتا «رەنە ئېلىپ نامىغا يۆتكەش»نى ئالغا سىلجىتىدۇ؛ قاتناش-تىرانسپورت يولى بىخەتەرلىكىنى تۈزەش ھەرىكىتىنى يولغا قويىدۇ؛ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۆزىنى ئاسراش، چىشىنى قوغداش ھەرىكىتىنى يولغا قويىدۇ؛ ئائىلىدە، مەھەللىدە ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ياشانغانلارنىڭ غىزالىنىشىغا ياردەم بېرىش مۇلازىمەت نۇقتىسىدىن 10 مىڭنى قۇرۇپ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار 10 مىڭ ياشانغان كىشىنىڭ ئۆيىنى ياشانغانلارغا ماس كېلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىشنى يولغا قويۇپ، 100 يېزا-بازار (كوچا) رايونىدا ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمەت مەركىزى ۋە مەھەللە ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن كۈندۈزلۈك خەۋەر ئېلىش مەركىزى قۇرىدۇ؛ مېيىپ بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىشنى يولغا قويىدۇ. مەدەنىيەت، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ