شىنجاڭ باغجىگدە كەنتىنىڭ چاغانلىق بازىرىنى چوڭقۇر ھېس قىلىش

2024.01.30 14:02 مەنبە: خەلق تورى

  بۇ ئىككى كۈندە، شىنجاڭ بايىنغولىن ئوبلاستى كورلا شەھىرى قارايۇلغۇن يېزىسى باغجىگدە كەنتىدە قاينام تاشقىنلىققا چۆمگەن چاغانلىق مال بازىرى قويۇق چاغان كەيپىياتىنى ئەۋجىگە كۆتۈردى. قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن داقا-دۇمباق ساداسى كوچا-كويلاردا ياڭرىدى، ئەجدىھا ئۇسسۇلى، شىر ئۇسسۇلى، ياڭگېر ئۇسسۇلى قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى يېڭى يىللىق كەيپىياتنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇردى.

  مەسنەۋى، قىشلىق كىيىم، ئويۇنچۇق، يەرلىك ھەسەل، كالا، قوي گۆشى قاتارلىق سۈپىتى ياخشى، باھاسى ئەرزان چاغانلىق ماللارنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ، دېھقانلار ئۆزى تېرىغان، ئۆزى باققان، ئۆزى ئىشلەپچىقارغان زىيانسىز يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى بازىرى ئىتتىك مالغا ئايلىنىپ، بازارنى ناھايىتى ئاۋاتلاشتۇرۇۋەتتى.

  شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەر نومۇرلارنى كۆرۈپ، مىللىي ئۆرپ ئادەتلەردىن ھۇزۇرلىنىپلا قالماي، يەنە مەززىلىك تائاملارنى تېتىپ، چاغانلىق مال سېتىۋېلىپ، قۇرۇق قايتماي، ناھايىتى مول ماددىي ۋە مەنىۋىي ئوزۇققا ئېرىشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ