شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە 7.1 بال يەر تەۋرىدى

2024.01.23 14:53 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىستانسىسى تورىنىڭ رەسمىي ئۆلچەپ بېكىتىشىگە ئاساسلانغاندا، 1- ئاينىڭ 23- كۈنى سائەت 2 دىن 9 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە (تەۋرەش مەركىزى شىمالىي كەڭلىك 41.26 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 78.63 گىرادۇس)، 7.1 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 22 كىلومېتىر بولغان. يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇچتۇرپان، ئاقچى ناھىيەلىرىدە توك بىلەن تەمىنلەش تەسىرگە ئۇچراپ، قىسمەن رايونلاردا توك توختاپ قالغان. ئىككى جايدىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تارماقلىرى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، كاشىلىلارنى تەكشۈرۈپ، توك يەتكۈزۈشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرمەكتە.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ