2023- يىلى شىنجاڭدا 41 مىڭ يۈرۈش كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي سېلىندى

2024.01.22 14:24 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2023- يىلى، شىنجاڭدا تەقسىملەپ ئىجارە بېرىش تىپىدىكى كاپالەتلىك تۇرالغۇدىن 54 مىڭ 400 يۈرۈش سېلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، 13 مىڭ 400 يۈرۈش ئاممىۋى ئىجارە ئۆي، 41 مىڭ يۈرۈش كاپالەتلىك ئىجارە ئۆيى سېلىنغان.

  18- يانۋار، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنى نەق مەيدانى.

  ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى تۇرالغۇ كاپالىتى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى لى شىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئاپتونوم رايون بويىچە كاپالەتلىك تۇرالغۇدا ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆيدىن كاپالەتلىك ئۆيگە ئۆزگىرىش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى. 2023 - يىلى ھەرقايسى جايلاردا 41 مىڭ يۈرۈش كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي يولغا قويۇلدى، بۇ، (13 مىڭ 400 يۈرۈش) ئاممىۋى ئىجارە ئۆينىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.

  شىنجاڭ «ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش، جەمئىيەت قاتنىشىش، ئىقتىسادچىل بولۇش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش» پىرىنسىپى بويىچە، تۇرالغۇ كاپالىتى سىستېمىسىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر - بازارلاردىكى تۆۋەن كاپالەت، تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەر ۋە شەھەرلەردىكى يېڭى شەھەر ئاھالىسى، ياشلارنىڭ تۇرالغۇ ئېھتىياجىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  2023- يىلى، شىنجاڭ 2 مىليارد 990 مىليون يۈەن پۇل مۇئامىلە قەرز پۇلىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسىپلەر رايونى، كارخانا قاتارلىق تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ئىجارە ئۆيى سېلىشىنى پائال قوللاپ، سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنىڭ تۇرالغۇ ئەمەلىي ئېھتىياجىنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، سىياسەت جەھەتتىن تەربىيەلەش ۋە لېكسىيە سۆزلەشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئۆز يېرى ۋە بىكار تۇرغان تۇرالغۇدىن پايدىلىنىپ ئىجارە ئۆيى سېلىشقا ئىلھام بېرىپ، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ باسقۇچلۇق تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى مەسىلىسىنى پەسەيتتى.

  2024- يىلى، پۈتۈن شىنجاڭدا 25 مىڭ يۈرۈش كاپالەتلىك ئىجارە ئۆيى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، باغچە رايونىدا 15 مىڭ 900 يۈرۈش ئۆي سېلىش پىلانلاندى. نۇرغۇن كاپالەتلىك ئىجارە ئۆيلەر ھەرقايسى كەسىپ باغچە رايونلىرىغا ماكانلىشىپ، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش ۋە سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنىڭ تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى يېڭى يول بىلەن تەمىنلەپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قەلبلەرنى باغلاپ، كىشىلەرنى جەلپ قىلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ