بۇ يىل قىشتا تۇنجى تۈركۈمدىكى شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئاۋسترالىيە تاتلىق سۇ چوڭ راكى ھاۋا يولى ئارقىلىق شىئەنگە توشۇلدى

2023.12.28 15:07 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسى دۆڭباغ يېزىسى سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق بازىسى «يېڭى چىققان» قىشلىق تۇنجى تۈركۈمدىكى ئاۋسترالىيە تاتلىق سۇ چوڭ راكى ھاۋا يولى ئارقىلىق ئېلىمىزنىڭ قەدىمىي شەھىرى شىئەنگە توشۇلۇپ، شۇ جايدىكى كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىگە بىر مەيدان مەززىلىك زىياپەت ئېلىپ كېلىدۇ.

  سۈرەتتە شىنجاڭ يەكەن ناھىيەسىدە تۇتۇلغان تاتلىق سۇ چوڭ راكى. (مەمەتئېلى مەمتىمىن فوتوسى)

  شۇ كۈنى، مۇخبىر يەكەن ناھىيەسى دۆڭباغ يېزىسى پەيفاڭ كەنتى سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق بازىسىغا كەلدى، باقمىچى ۋاڭ يۈنفېڭ شىئەنگە توشۇلىدىغان 100 كىلوگىرام چوڭ راكنى كۆڭۈل قويۇپ تاللاپ، ئوراپ قاچىلاۋاتاتتى. ۋاڭ يۈنفېڭ مۇنداق دېدى: «يېڭى يىللىق بازاردا مەن بىر توننا چوڭ راكنى بازارغا سالماقچى، شىئەندىن باشقا، بىز يەنە لەنجوۋ، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردىكى 1300 تاللا بازىرى، دۇكان قاتارلىقلار بىلەن مال تەمىنلەش كېلىشىمى ئىمزالىدۇق».

  سودىگەر زېڭ جېڭجياڭ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ چوڭ راكلارنى ئاساسلىقى ئەتراپتىكى تاللا بازارلىرى، ئاشخانىلارغا، شۇنداقلا بىر قىسىم ئائىلىلەرگە ئاپىرىپ بېرىمىز، قىشتا راك يەيدىغانلارمۇ بىرقەدەر كۆپ، بۇ يەردىكى چوڭ راك، قىسقۇچپاقىلارنىڭ ھەممىسى سېمىز ھەم تەملىك، سېسىق پۇرىقىمۇ يوق».

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ