12-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن «شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قانۇنچىللىق جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلات» ناملىق كۆك تاشلىق كىتاب (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «كۆك تاشلىق كىتاب» دېيىلىدۇ) ئۈرۈمچىدە ئېلان قىلىندى، بۇ شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى تەرەققىياتىنى قانۇنچىللىق جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى تۇنجى كۆك تاشلىق كىتاب بولۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قانۇنچىللىق جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈشتىكى تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى نۇقتىلىق تەھلىل قىلىندى ۋە تەتقىق قىلىندى.
«شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قانۇنچىللىق جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلات » ناملىق كۆك تاشلىق كىتاب 20-دېكابىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئېلان قىلىندى، سۈرەتتە: مەزكۇر كىتابنىڭ باش مۇھەررىرى زۇلھايات ئىسمايىل كۆك تاشلىق كىتابنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنىنى تونۇشتۇرماقتا. مۇخبىر جۇ پېڭ فوتوسى
كۆك تاشلىق كىتاب ئومۇمىي دوكلات، مەخسۇس دوكلات، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى ۋە ئايرىم دېلو تەتقىقاتى، كىشىلىك ھوقۇق چوڭ ئىشلىرى خاتىرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شىنجاڭ داشۆسى شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتى ۋە تەرەققىياتى تەتقىقات مەركىزى، غەربىي جەنۇب سىياسىي-قانۇن داشۆسى كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات يۇرتى بىرلىكتە تۈزۈپ چىققان، ئالاقىدار ساھەلەردىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملار تاماملىغان ئىلمىي ئۇنىۋېرسال تەتقىقات دوكلاتى ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىدىغان ئىلمىي بازىسى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش مەقسەت قىلىنغان.
ئومۇمىي دوكلاتتا شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قانۇنچىللىق جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتى ۋە نەتىجىلىرى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىندى. سەككىز پارچە مەخسۇس دوكلات جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قانۇنچىللىق جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈش ئەھۋالىغا مەركەزلەشتۈرۈلدى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى ۋە ئايرىم دېلو تەتقىقات قىسمىدا جەمئىي تۆت پارچە دوكلات بار بولۇپ، شىنجاڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملار زور مىقداردىكى سانلىق مەلۇمات ۋە پاكىت ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن نامايان قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆك تاشلىق كىتابتا جۇڭگو شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تۈرلۈك سىياسەت تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەم شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا نەزەر سېلىندى.
ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ باشلىقى، مەزكۇر كىتابنىڭ باش مۇھەررىرى زۇلھايات ئىسمائىلنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، 2021-يىلى شىنجاڭ داشۆ بىلەن غەربىي جەنۇب سىياسىي-قانۇن داشۆسى شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتىدا ئىلگىرىلەش ۋە تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش تەتقىقات ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ ئىلمىي غوللۇق خادىملارنى يېزىش گۇرۇپپىسى قۇرۇشقا تەشكىللەپ، ئىلگىرى–كېيىن بولۇپ سەككىز ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرگە بېرىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان، كۆك تاشلىق كىتابنىڭ نەشىر قىلىنىشى دۇنياغا شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى نامايان قىلىدىغان مۇھىم ئىسىم كارتۇچكىسى ھېسابلىنىدۇ.
غەربىي جەنۇب سىياسىي – قانۇن داشۆسى كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات يۇرتىنىڭ ئىجرائىيە باشلىقى جاڭ يۇڭخې مۇنداق دېدى: كۆك تاشلىق كىتابتا شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قانۇنچىللىق جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈشكە ئائىت ھەقىقىي ھېكايىلەر ئارقىلىق ھەقىقىي شىنجاڭنى كۆپچىلىككە نامايان قىلىدۇ، بىز قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ شانلىق بايرىقى ئاستىدا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ تولۇق كىشىلىك ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىغا، خەلق تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ بەختلىك بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
مەنبە: خەلق تورى