«مېنىڭ يۇرتۇم شىنجاڭدا ئەگرى-بۈگرى قارلىق تاغ، بىپايان يايلاق بار؛ بىپايان قۇملۇق، چەكسىز چۆل-جەزىرە بار. سەھەردە تۇمان پەيدا بولىدۇ، گۇگۇمدا كەچكى شەپەق پەيدا بولىدۇ ...»
11-دېكابىر، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دۇبەي دۇنيا كۆرگەزمىسى شەھەرچىسى 28-نۆۋەتلىك ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنى نەق مەيدانىدا، 17 ياشلىق ئۆسمۈر دىڭ جۈنرۇي راۋان ئىنگلىز تىلىدا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سۆز ۋەكىللىرىگە ئۆزىنىڭ گۈزەل يۇرتى ــــ جۇڭگو شىنجاڭنى تونۇشتۇردى.
12-ئاينىڭ 11-كۈنى، 28-نۆۋەتلىك ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنى نەق مەيدانىدا دىڭ جۈنرۇي سۆز قىلماقتا. دىڭ جيەنرېن تەمىنلىگەن رەسىم.
دىڭ جۈنرۇي شىنجاڭ ئۈرۈمچىنىڭ قىشلىق پار بىلەن تەمىنلەش ئۇسۇلىدىكى ئۆزگىرىش، يۇرتىنىڭ پاكىز ئېنېرگىيەنىڭ تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ، دۇنياغا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ «يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق» بولۇش ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.
بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەنى قوغداش ئىشلىرىغا قىزغىن كۆڭۈل بۆلىدىغان تەبىئەت ھەۋەسكارلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئىجتىمائىي پاراۋانلىق تەشكىلاتى ــــ «شىنجاڭ چۆلى»نى تونۇشتۇردى. ئۆزىنىڭ ئانا مەكتىپى ــــ شىنجاڭ ئۈرۈمچى 1ـ ئاۋغۇست ئوتتۇرا مەكتىپىدە بىر توپ «يىلپىز ياشلىرى»نىڭ بارلىقىنى، ياش ئوقۇغۇچىلارنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئېكولوگىيەنى قوغداش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تەشكىللەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
دىڭ جۈنرۇي ئۈرۈمچى 1ـ ئاۋغۇست ئوتتۇرا مەكتىپى خەلقئارا سىنىپىنىڭ تولۇق 2-يىللىق ئوقۇغۇچىسى. بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم خەلقئارا سەھنىدە تۇرۇپ، ساۋاقداشلىرى، ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى پەخىرلەنگەن ھالدا تونۇشتۇرۇشى: مەكتەپنىڭ «مېنىڭ كۆكەرتىش خىتابنامەم» پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات ئۆمىكى مۇھىت ئاسراش ئىجتىمائىي پاراۋانلىق كۆرگەزمىسىدە پىدائىيلار مۇلازىمىتى قىلىپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنى ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ئېلىپ كىردى؛ مەكتەپتە بىر قېتىملىق تاماق قاچىسى ۋە سۇلياۋ بۇيۇملارنى ئىمكانقەدەر ئاز ئىشلىتىش ياكى ئىشلەتمەسلىكنى تەشەببۇس قىلىش، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ دالىدا ئىلمىي تەكشۈرۈش پائالىيىتىگە قاتنىشىشىنى تەشەببۇس قىلدى....
نۇتۇق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مۇخبىر دىڭ جۈنرۇي بىلەن كۆرۈشتى، ئۇ مۇنداق دېدى: «مۇئەللىمنىڭ كۆڭۈل قويۇپ يېتەكلىشى بىلەن، مەن نۇتۇق سۆزلەشكە تولۇق تەييارلىق قىلدىم. مەن بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، دۇنياغا گۈزەل جۇڭگو شىنجاڭنى تونۇشتۇرۇپ، شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلماقچى.» مەكتەپنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتى «يىلپىز ياشلىرى»نىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ كۆپ قېتىم ساۋاقداشلىرى بىلەن ياشلار-ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا ئېكولوگىيە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يىلپىز قوغداش تۈرىنى كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزدى.
مەنبە: خەلق تورى