يېقىندا، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» جۇڭخۇا ھەققىدە، 2023 چېگرا رايون سەپىرى پائالىيىتى شىنجاڭ قەشقەردىكى كوزىچى ياربېشىغا كېلىپ، قويۇق مىللىي ئۆرپ-ئادەت ۋە تارىخىي پۇراقتىن بەھرىمەن بولدى.
كوزىچى ياربېشى مەھەللىسى شىنجاڭ قەشقەر شەھىرى تۈمەن دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئېگىزلىكى 40 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 800 مېتىر كېلىدىغان قىياغا جايلاشقان، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 4.45 گېكتار بولۇپ، قەشقەر دۆلەتلىك تارىخىي مەدەنىيەتلىك داڭلىق شەھەر غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ مۇھىم مەركەزلىك كۆرگەزمە رايونى ھېسابلىنىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ـــــ ساپال بۇيۇملار ۋەكىللىكىدىكى تۈرلۈك قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇ يەرگە توپلانغان. كوزىچى ياربېشى مەھەللىسىنىڭ ھەربىر ئىشىكى ئۆزگىچە قول ھۈنەرۋەنچىلىك كۆرگەزمىخانىسىغا تۇتىشىدۇ. ساپال، تۇماق، ياغاچ جابدۇق، دورىلىق چاي، موزدۇز، توقۇمىچى، خىش ئويمىچىلىقى... بۇ ھەم قول ھۈنەرۋەنلەرنىڭ خىزمەت مەيدانى، ھەم سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىش سارىيى.
نۆۋەتتە يولغا قويۇلۇۋاتقان كوزىچى ياربېشى تارىخىي مەدەنىيەت كوچىسىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش قۇرۇلۇشىدا، ئەسلىي ھالىتىنى قوغداش بىلەن قىياپىتىنى قوغداشنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، تارىخىي ئاھالىلەر تۇرالغۇسى، ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبتىكى ئىمارەتلەر قاتارلىقلارنى ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئومۇميۈزلۈك قوغداش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئاساسىدا، مەدەنىيەت ساياھەتچىلىك ھالىتىنى مۇۋاپىق كىرگۈزۈپ، كوزىچى ياربېشى ئاھالىلىرىنىڭ قەدىمىي مەدەنىيىتى ۋە رەڭدار مەدەنىيىتىنى داۋاملىق جانلاندۇرۇپ، قەشقەر كوزىچى ياربېشى ئاھالىلىرىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ