يېڭىسار كەچلىك بازار ئىقتىسادى شەھەرگە تۈس قوشتى

2023.11.30 15:11 مەنبە: خەلق تورى

  11-ئاينىڭ 27-كۈنى كەچتە، يېڭىسار مەززىلىك تائاملار كوچىسىدىكى كەچلىك بازارغا كىرگىنىمىزدە، رەتلىك تىزىلغان 90 نەچچە يايمىنى كۆردۇق. كاۋاپ، بېلىق كاۋىپى ... ھەر خىل ئالاھىدە ئۇششاق يېمەكلىكلەر يايمىسى ئادەمنىڭ يېگۈسىنى كەلتۈرىدىغان ئېسىل تائاملار بىلەن لىق تولغان ئىدى.

  «كەچلىك بازار» خەلق تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بازار تەمىناتىنى بېيىتىپلا قالماي، خەلق ئاممىسىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى قاندۇرىدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى نۇرغۇن ئائىلىنىڭ تىرىكچىلىك مەنبەسىنى ئۆزىگە يۈكلەيدۇ.

  يايمىچى ئەمەتجان يۈسۈپ مۇنداق دېدى: كۈندە 500~400 يۈەن ساپ كىرىم قىلىمەن، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىغا، يايما ئورنىغىمۇ پۇل كەتمەيدۇ، ھۆكۈمەتكە رەھمەت.

  خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ھۆكۈمەت قاندۇرىدۇ. يېڭىسار ناھىيەسى تېخىمۇ ياخشى ئىستېمال تەسىراتىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئىشلەتمەي تاشلاپ قويۇلغان يەرلەرنى ئۆزگەرتىپ، قۇرۇلۇش پىلانلىدى. ھازىر ناھىيە بويىچە 18 ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، 3000 دىن ئارتۇق ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنىڭ ھەممىسى ھەقسىز ئېچىۋېتىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە مەززىلىك تائاملار كوچىسىدىكى كەچلىك بازاردا 300 دىن ئارتۇق ئاپتوموبىل توختاتقىلى بولىدۇ، ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنىپ، يول يۈرۈش ئۈنۈمى ۋە قاتناش بىخەتەرلىكى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

  يېڭىسار ناھىيەسى شەھەرنى ئىنچىكە باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كېچىلىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىستېمالغا تۈرتكە بولۇش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، كۆپ خىل تەدبىر ئارقىلىق ئىستېمالنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، پۈتۈن ناھىيە ئىستېمال بازىرىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولدى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ