قەشقەرگە بارمىسا شىنجاڭغا كەلگەن ھېسابلانمايدۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قەشقەردە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرى

2023.11.27 14:24 مەنبە: خەلق تورى

  11-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 2023-يىللىق ساياھەت يىلى مۇنبىرىنىڭ قازاقىستان ۋەكىللەر ئۆمىكى قەشقەر ۋىلايىتىدە زىيارەتتە بولۇپ، نەندا يېڭى يېزا ئىگىلىك پاي چەكلىك شىركىتى، قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى، قەشقەر داشۆسى يېڭى بۇلاق مەكتەپ رايونى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مول، كۆپ خىل ساياھەت بايلىقىنى ئىگىلىدى.

  شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇھىم تايانچ نۇقتىسى بولۇپ، دۆلەتنىڭ 1-دەرىجىلىك سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن بەش چېگرا ئېغىزى بار، «بەش چېگرا ئېغىزى سەككىز دۆلەتكە تۇتىشىدۇ، بىر يول ياۋروپا-ئاسىياغا تۇتىشىدۇ» دېگەن گۈزەل نامغا ئىگە. قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى شىنجاڭنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم سۇپىسى، شۇنداقلا پۈتكۈل قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم بازىلارنىڭ بىرى.

  «قاراڭ، بۇ يەردە قازاقىستاننىڭ نۇرغۇن يېمەكلىكلىرى بار ئىكەن!»، قازاقىستان تۇمار ئوبلاستى تۇمار تىرانسپورت-ساياھەت شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى لاۋۇشان سامىلىيېۋنا قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن خۇشال ھالدا يەنە مۇنداق دېدى: «قەشقەرگە بارمىساق شىنجاڭغا كەلگەن ھېسابلانمايمىز، بۈگۈن بىز تەرەققىي قىلىۋاتقان قەشقەرگە ئۆز كۆزىمىز بىلەن گۇۋاھچى بولدۇق، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلغان كارخانىلارنى، خەلقئارالاشقان مال تىرانسپورت يوللىرىنى كۆردۇق، مەن مۇنبەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، جۇڭگو-قازاقىستان ئىككى دۆلەتكە تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

  قەشقەر داشۆسى يېڭى بۇلاق مەكتەپ رايونىدا، ۋەكىللەر ئۆمىكى مەكتەپ مۇھىتىنى كۆزدىن كەچۈردى، كارتا سۈركەپ گۈزەل-سەنئەت ۋە لايىھەلەش شۆيۈەنىنىڭ كۇلالچىلىق ئىشخانىسى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ئۇستازلار ئىشخانىسى، قەشقەر داشۆسى ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىرلىكتە كۇلالچىلىق ۋە شىنجاڭ كەشتىسى ھۈنىرىنى ھېس قىلدى، ۋەكىللەر ئۆمىكى بەس-بەستە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مول ۋە چوڭقۇرلىقىنى ماختىدى.

  قازاقىستان خابارنىڭ 24-قانىلى خەلقئارا ئاخبارات بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرى رۇسلان ئابدۇئالىيېۋ مۇنداق دېدى: «قەشقەر داشۆسى خەلقئارالاشقان داشۆ، بۇ مەكتەپ ناھايىتى چوڭ، يەنە نۇرغۇن قىزىقارلىق دەرسلەر بار ئىكەن. مۇخبىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، قايتىپ بارغاندىن كېيىن چوڭقۇر خەۋەر يېزىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى قەشقەرنى چۈشىنىش، قەشقەرنى ياخشى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمەن».

  ئاخىردا ۋەكىللەر ئۆمىكى قەشقەر قەدىمىي شەھىرىگە كېلىپ، شەھەرنى ئېچىش مۇراسىمى ۋە ئېسىل ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرلىرىنى كۆردى، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى ساياھەت ئائىلىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، ۋەكىللەر ئۆمىكى قەدىمىي شەھەرنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئۆزگىرىشلەردىن ھەيران قالدى. ئۇلار پاكىز، رەتلىك كوچىلار، قاتار-قاتار دۇكانلار ھەمدە مەدەنىيەت پۇرىقى قويۇق ئىمارەتلەرگە مەپتۇن بولۇپ، خاتىرە سۈرەتلەرگە چۈشۈشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ