پامىر ئېگىزلىكىدىن كەلگەن پويىز باشلىقى

2023.11.27 14:22 مەنبە: خەلق تورى

  11-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 9 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۈرۈمچى ۋوگزالىنىڭ ۋوگزال سۇپىسىدا ئەركەيان دولقۇن يولۇچىلارنى كۈتۈشكە تەييارلىق قىلدى، بۇ ئۇنىڭ پويىز باشلىقى بولغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىم پويىز ھەيدىشى ھېسابلىنىدۇ. سائەت 9 دىن 52 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىدىن خوتەنگە قاراپ يولغا چىقىدىغان 9786K-قېتىملىق يولۇچىلار پويىزى كۆتۈرۈلۈۋاتقان قۇياشقا ئەگىشىپ يولغا چىقتى.

  ئەركەيان دولقۇن ۋوگزال خىزمەتچىلىرىدىن خىزمەت ئۆتكۈزۈۋالدى. ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز بەي فېڭلياڭ فوتوسى

  ئەركەيان دولقۇننىڭ ئۆيى پامىر ئېگىزلىكىدە بولۇپ، 2019-يىلى 11-ئايدا شىنجاڭ تۆمۈريولى كەسىپ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىن 1037كىشىنى تۆمۈريول خىزمىتى قىلىشقا قوبۇل قىلدى، داشۆ پۈتكۈزگەن ئەركەيان دولقۇن بۇرۇنقى چارۋىچىلىق تۇرمۇشتىن پويىز ۋاگونىغا كېلىپ خىزمەت قىلىپ، پامىر ئېگىزلىكىدىن چىققان پويىز خىزمەتچىسىگە ئايلاندى.

  ئەركەيان دولقۇن يولۇچىلارغا پويىزغا چىقىش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز بەي فېڭلياڭ فوتوسى

  كورلا يولۇچى توشۇش ئوچاستىكىسى شىئەن پويىز ئەترىتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى تەن شىنخۇا مۇنداق دېدى: «ئۇنى <يىپەك يولى تۆگە قوڭغۇرىقى> ناملىق ئەڭ مۇنەۋۋەر پويىز بەنىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ تەربىيەلىدۇق. كېيىنكى مەزگىلدە، بىز يەنە ئۇنى پويىز بەنى ئىتتىپاق ياچېيكىسىنىڭ تەشۋىقات ھەيئەتلىكىگە تەيىنلىدۇق، پويىز بەنى كەسپىي ئۆگىنىش ھۆججەتلىرىنى ئۆگەنگەندە ئۇ يېتەكلەپ ئوقۇيدۇ».

  تۆت يىل ھەش-پەش دېگۈچە ئۆتۈپ كەتتى، ئەمما ئەركەيان دولقۇن نۇرغۇن نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى، يولۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىغا ماسلىشىپ، ئىپادىلەش ئىقتىدارىمۇ زور دەرىجىدە ئۆستى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئەركەيان دولقۇننىڭ يۇرتى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ۋەچە يېزىسىدىكى 600 نەچچە ئەگىمدىكى «پەنلۇڭ قەدىمىي يولى» داڭلىق ساياھەت ئورنىغا ئايلاندى. ئەركەيان دولقۇن شىئەندىن قەشقەرگە قاتنايدىغان پويىزدا يۇرتىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى تونۇشتۇرىدىغان «ساياھەت ئەلچىسى»گە ئايلاندى.

  ئەركەيان دولقۇن يولۇچىلاردىن مۇلازىمەت ھەققىدە پىكىر ئالدى. ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز بەي فېڭلياڭ فوتوسى

  ئەركەيان دولقۇن مۇنداق دېدى: «پويىز باشلىقى ۋە ئۇستازلارنىڭ تەلىم- تەربىيەسىگە كۆپ رەھمەت، ئۇلار توپلىغان تەجرىبىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ماڭا ئۆگىتىپ قويدى».

  بۇ يىل 10-ئايدا ئەركەيان دولقۇن ئەلا نەتىجە بىلەن پويىز باشلىقلىقىغا قوبۇل قىلىندى، ئۇ ئەسلىدە ئىشلەۋاتقان جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى كورلا يولۇچى توشۇش ئوچاستىكىسى شىئەن پويىز ئەترىتىدىن چېڭدۇ پويىز ئەترىتىگە تەڭشىلىپ كېلىپ، ئۈرۈمچى-خوتەن پويىزى 12-گۇرۇپپىسىنىڭ پويىز باشلىقى بولدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ پويىزدا ئاز سانلىق مىللەت يولۇچىلار بىرقەدەر كۆپ، مەن تىل ئەۋزەللىكىمنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يولۇچىلارغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىمەن».

  ئەركەيان دولقۇن بۇ خۇش خەۋەرنى بىرىنچى بولۇپ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئېيتقاندا، دادىسى ئۇنىڭغا: «مەن قىزىمنىڭ چوقۇم قىلالايدىغانلىقىنى بىلەتتىم» دېدى.

  ئەركەيان دولقۇن مۇنداق دېدى:« <بىز تاجىكلاردا بۈركۈت كۆكتە پەرۋاز قىلىشى كېرەك> دەيدىغان تەمسىل بار. پويىز باشلىقى بولغاندىن كېيىن، زىممەمگە نۇرغۇن بېسىم، مەسئۇلىيەت يۈكلەندى، شۇنداقلا ياشلىقىمنى بېغىشلايدىغان تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىلدى».

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ