كۆرگەزمە باشلاندى، 2024-يىل 1-ئاينىڭ 18-كۈنىگىچە ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ

2023.11.20 14:00 مەنبە: خەلق تورى

  11-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن «شىنجاڭ ئارخېئولوگىيەسىنىڭ 100 يىللىقى» ئالاھىدە كۆرگەزمىسى شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت سارىيىدا باشلاندى.

  بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە كونا تاش قوراللار دەۋرىدىن خەن، جىن، سۇي، تاڭ سۇلالىلىرىغىچە بولغان تۈرلۈك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن 180 نەچچىسى كۆرگەزمە قىلىنىدۇ، كۆرگەزمە 4 چوڭ قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئارخېئولوگىيە خىزمىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى تىك ئوق، مۇھىم ئارخېئولوگىيەلىك بايقاشلار توغرا ئوق يۆنىلىش بويىچە شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرى خىزمىتىنىڭ جاپالىق ئىزدىنىشى ۋە شانلىق نەتىجىلىرى نامايان قىلىنىدۇ، قىممەتلىك ئارخىپ ۋە قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارقىلىق ئۇزۇنغا سوزۇلغان، چوڭقۇر جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ۋە شىنجاڭدىكى ئارخېئولوگلارنىڭ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، بىلىش بىلەن ئەمەلىيەتنىڭ بىرلىكىنى ساقلاپ، جاپا-مۇشەققەتتىن قورقماي كۈرەش قىلىش روھى ئېكسكۇرسىيىچىلەرنى زامان ھالقىپ تارىخ بىلەن سۆھبەتلىشىشكە يېتەكلەيدۇ.

  ئېكسكۇرسىيىچىلەر كۆرگەزمە قىلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى سۈرەتكە تارتتى.

  كۆرگەزمە شىنجاڭ ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىشلىرىنىڭ 100 يىلغا يېقىن تەرەققىيات مۇساپىسى ۋە مۇھىم ئارخېئولوگىيەلىك بايقاشلىرىنى رەتلەپ چىقىش ئارقىلىق شىنجاڭ رايونى بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئوتتۇرىسىدىكى زىچ مەدەنىيەت ئالاقىسى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى تارىخىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدىكى مۇھىم تۆھپىسى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىغا ئائىت تارىخىي ھېكايىلەرنى سۆزلەشنى، ئارخېئولوگلارنىڭ ئەستايىدىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، كەسىپنى قەدىرلەپ تۆھپە قوشۇشتەك ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلغانلىقىنى نامايان قىلىشنى مەقسەت قىلغان.

  بۇ كۆرگەزمىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى (مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى)، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مۇزېيى ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى، بېيجىڭ داشۆسى يىپەك يولى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات مەركىزى، ياۋرو ئاسىيا ئارخېئولوگىيە خىزمەت ئورنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت سارىيى، قۇمۇل شەھەرلىك مۇزېي، تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقات ئورنى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مۇزېي، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق مۇزېي، خوتەن ۋىلايەتلىك مۇزېي، كۇچا شەھەرلىك مۇزېي، توقسۇ ناھىيەلىك مۇزېي، غەربىي شىمال داشۆسى مەدەنىيەت مىراسلىرى شۆيۈەنى، شىنجاڭ سىفەن داشۆسى خۇڭۋېنبى مەركىزى ھەمكارلاشقان.

  ئېكسكۇرسىيىچىلەر ئالاھىدە كۆرگەزمىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى.

  كۆرگەزمە 2024-يىل 1-ئاينىڭ 18-كۈنىگىچە ئاممىغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ، كۆرگەزمە مەزگىلىدە ئاممىغا ئارخېئولوگىيەلىك لېكسىيە سۆزلەش ۋە مۇتەخەسسىسلەر مەخسۇس چۈشەندۈرۈشى ئېلىپ بېرىش قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەر قەرەلسىز ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  شىنجاڭنىڭ ئارخېئولوگىيە خىزمىتى ئىزچىل «نامەلۇم نەرسىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مەنبەنى ئېچىش»تەك قەتئىي ئېتىقادقا ئەمەل قىلىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد ئارخېئولوگلار كۈچ ئۇلاپ قېزىش، تەتقىق قىلىش، شەرھلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ بىپايان زېمىنىدىكى مول مەدەنىيەت مىراسلىرى بايلىقىغا تايىنىپ، جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى بايان قىلىپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش، بىر گەۋدە بولۇشتەك تەرەققىيات مۇساپىسىنى دەلىللىدى. مەدەنىيەت ئىشەنچىنى كۈچەيتىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە شىنجاڭنىڭ ئارخېئولوگىيە خىزمىتىنىڭ تەڭداشسىز رولىنى جارى قىلدۇردى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ