مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭلىق يىگىت مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىلەر مۇسابىقىسىنى قىزىتىۋەتتى

تورداشلار «كېيىنكى بىر ئەۋلاد نېغمەتنى كۆرگەندەك بولدۇم» دېيىشتى

2023.11.17 00:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى 2023 رىياسەتچىلەر مۇسابىقىسىدە شىنجاڭلىق يىگىت ئىسكەندەر ئەخمەت مىللىيچە كىيىنىپ سەھنىگە چىقىپ تاماشىبىنلارنى ھەيران قالدۇردى.

  بۇ يىل 21 ياشقا كىرگەن ئىسكەندەر يۇرتىنىڭ 600 نەچچە ياشلىق ئەنئەنىۋى چالغۇسى تەمبۇر بىلەن ئۈچ مىنۇتتا يۇرتىنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيىتىنى تارقاتتى.

  بۇ قاراردا جەمئىي 12 نەپەر ماھىر مۇسابىقىگە قاتناشقان بولۇپ، ئىسكەندەر ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى.

  ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر، ھاياتىي كۈچكە تولغان، ئىچ-ئىچىدىن خۇشخۇيلۇقى چىقىپ تۇرىدىغان ئىسكەندەر نۇرغۇن تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، تورداشلار «كېيىنكى ئەۋلاد نېغمەت مۇئەللىمنى كۆرگەندەك بولدۇم» دېيىشتى.

  ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق مۇزىكا ساداسى ئارقىلىق شىنجاڭ مەدەنىيىتىنى تارقىتىپ، ئۆز يۇرتىنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ