مۇھىم خەۋەرلەر

خېجىڭ (بايىنبۇلاق) ئايرودرومى پۈتتى

2023.11.16 23:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، خېجىڭ (بايىنبۇلاق) ئايرودرومى قۇرۇلۇشى پۈتۈپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتى، بۇ، مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ ئومۇميۈزلۈك تاماملانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  دۆلەت ۋە شىنجاڭنىڭ «14-بەش يىل»لىق نۇقتىلىق قۇرۇلۇشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خېجىڭ (بايىنبۇلاق) ئايرودرومى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ خېجىڭ ناھىيەسىگە جايلاشقان، ئايرودروم دېڭىز يۈزىدىن 2506.85 مېتىر ئېگىز بولۇپ، شىنجاڭ بويىچە 2-ئېگىزلىك ئايرودرومى.

  «ئايرودروم ئېگىزلىككە جايلاشقان بولۇپ، ئەتراپى دۆلەتلىك تەبىئىي ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش رايونىغا تەۋە، ئەتراپتىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئاجىز» دېدى بۇ ئايرودروم تۈرىنى ئۈستىگە ئالغان قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپ جۇڭگو بىناكارلىق-قۇرۇلۇش 3-ئىدارىسى خېجىڭ (بايىنبۇلاق) ئايرودرومى تۈرىنىڭ دىرېكتورى لى لېي تونۇشتۇرۇپ، ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: قۇرۇلۇش مەزگىلىدە، قۇرۇلۇش خادىملىرى ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن قايتا كۆكەرتىشنى يولغا قويدى ھەم ئايرودرومنىڭ غەربىي جەنۇب بۇرجىكىگە يېڭىدىن پاسكىنا سۇ بىر تەرەپ قىلىش پونكىتى ۋە ئەخلەتلەرنى يۆتكەپ توشۇش پونكىتى قۇرۇپ، مۇھىت بۇلغىنىشىنى ئىمكانقەدەر ئازايتتى.

  بايىنغولىن ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ بايلىقى مول، ئۇنىڭغا قاراشلىق بايىنبۇلاق يايلىقى جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرگە داڭلىق ساياھەت رايونى. بۇ ئايرودروم ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونى ۋە ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ ساياھەت، ھۆكۈمەت ئىشلىرى، سودا پائالىيەتلىرىگە مۇلازىمەت قىلىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، 2030-يىلىغا بارغاندا، يولۇچى توشۇش مىقدارى 250 مىڭ ئادەم قېتىمغا، يۈك توشۇش مىقدارى 500 توننىغا يېتىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ