تۆت پەسىلدىكى شىنجاڭنى كۆرەيلى، چېگرا ئېغىزىغا بېرىپ شىنجاڭنى كۆرەيلى، شىنجاڭ ئالاتاۋ تېغى چېگرا ئېغىزىدا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىمىز

2023.11.09 15:22 مەنبە: خەلق تورى

  بۇ تاغ ئېغىزى دۆلەت دەرۋازىسى (11-ئاينىڭ 5-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

  ئالاتاۋ تېغى چېگرا ئېغىزى جۇڭگو شىنجاڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا جايلاشقان بولۇپ، قازاقىستان بىلەن قوشنا، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا، ياۋروپاغا بىۋاسىتە بارىدىغان ئاساسلىق تىرانسپورت يولى. 1990-يىلى 6-ئايدا گوۋۇيۈەن ئالاتاۋ تېغى چېگرا ئېغىزى قۇرۇشنى تەستىقلىدى؛ 2003-يىلى دۆلەت تەرىپىدىن نۇقتىلىق قۇرۇلىدىغان ۋە ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان چېگرا ئېغىزى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى؛ 2011-يىلى گوۋۇيۈەن ئالاتاۋ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى قۇرۇشنى تەستىقلىدى؛ 2012-يىلى 12-ئايدا گوۋۇيۈەن ئالاتاۋ شەھىرى قۇرۇشنى تەستىقلىدى. 30 نەچچە يىللىق قۇرۇلۇش تەرەققىياتى ئارقىلىق، ئالاتاۋنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى تەدرىجىي مۇكەممەللىشىپ، تاموژنىدىن مال ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت تورى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينىدى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ