تۆت پەسىلدىكى شىنجاڭنى كۆرەيلى، چېگرا ئېغىزىغا بېرىپ شىنجاڭنى كۆرەيلى. جياڭشىنىڭ مائارىپ جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشى: «قىزىل كاككۇك» قىزىل مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش ماركىسىنى يارىتىپ، ئادەم تەربىيەلەش يوللىرىنى كېڭەيتىش

2023.11.09 15:20 مەنبە: خەلق تورى

  شىنجاڭ ئاقتۇ ناھىيەسى شۆسۇڭ ئوتتۇرا مەكتىپىدە، «قىزىل كاككۇك» خور ئۆمىكىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى قىزىل ناخشا ئېيتماقتا ( 11-ئاينىڭ 7-كۈنى).

  مائارىپ خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى، مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش»، «شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش»تىكى ئۇل قۇرۇلۇش. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جياڭشىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى جياڭشىنىڭ قىزىل بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ياردەمگە ئېرىشكۈچى مەكتەپلەردە قىزىل مەدەنىيەتنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش پائالىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك، كۆپ نۇقتىدىن، كەڭ دائىرىدە قانات يايدۇرۇپ، «قىزىل كاككۇك» مائارىپقا ياردەم بېرىش ماركىسىنى داۋاملىق يارىتىپ، قىزىل مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى. جياڭشىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى بىلەن نۇقتىلىق بەرپا قىلىنغان شىنجاڭ ئاقتۇ ناھىيەلىك شۆسۇڭ ئوتتۇرا مەكتىپى جياڭشىنىڭ مول قىزىل مەدەنىيەت بايلىقىغا تايىنىپ، قىزىل كاككۇك ساپال سەنئىتى، دېكلاماتسىيە، قەغەز قىيما قاتارلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى قۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ئەنەنىۋى ھۈنىرى بىلەن قىزىل مەدەنىيەتنى بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى جانلىق، قىزىقارلىق ئىجتىمائىي تەشكىلات ئەمەلىيىتى پائالىيىتىدە قىزىل مەدەنىيەتنى ئۆگىنىشكە يېتەكلەپ، ياقتۇرىدىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق قىزىل مەدەنىيەت روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، كۆپ ئۆلچەملىك، كۆپ خىل شەكىلدە ئادەم تەربىيەلەش يوللىرىنى كېڭەيتتى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ