ئىككى ئاي سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىلىپ، توك قاچىلاش مۇلازىمەت ھەققى ئېلىنمايدۇ

2023.11.03 14:44 مەنبە: خەلق تورى

  10-ئاينىڭ 31-كۈنى، شىنجاڭ قاتناش سېلىنما (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «شىنجاڭ قاتناش سېلىنما گۇرۇھى» دېيىلىدۇ) تەۋەلىكىدىكى 71 يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول مۇلازىمەت رايونىدىكى 141 توك قاچىلاش پونكىتى ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلدى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ سەپەرگە چىقىش «غەيرىتى» تېخىمۇ ئاشتى.

  10-ئاينىڭ 31-كۈنى، G30 لىنىيەسىدىكى ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ ۋۇگۇڭتەي مۇلازىمەت رايونىدا، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلغا توك قاچىلانماقتا. ۋاڭ شۆ فوتوسى

  شۇ كۈنى مۇخبىرنىڭ G30 لىنىيەسىدىكى ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ ۋۇگۇڭتەي مۇلازىمەت رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدىكى توك قاچىلاش پونكىتىنى ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈشنى باشلاش مۇراسىمىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان شىنجاڭ قاتناش سېلىنما گۇرۇھى جەمئىي 152 مىليون يۈەن مەبلەغنى توك قاچىلاش پونكىتى قۇرۇلۇشى تۈرىگە ئىشلىتىپ، 100 كۈن ئىچىدە 61 ئورۇندىكى 123 توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھەسىنى تېز سۈرئەتتە قۇرۇپ چىققان. 2021-يىلىدىن 2022 -يىلىغىچە قۇرۇلغان 10 ئورۇندىكى 18 توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھەسىنى قوشقاندا، بۇ شىركەت ئاپتونوم رايوندىكى 71 ئورۇندىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول مۇلازىمەت رايونىدا 141 توك قاچىلاش پونكىتى قۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول مۇلازىمەت رايونىنى توك قاچىلاش مۇلازىمىتى بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرغان. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىگىلىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ھەر 60 كىلومېتىردىن 80 كىلومېتىرغىچە بولغان ئارىلىقتا مۇلازىمەت رايونىغا بېرىپ توك قاچىلىسا بولىدۇ. سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىشنى باشلاپ ئىككى ئاي ئىچىدە توك قاچىلاش مۇلازىمەت ھەققى ئېلىنمايدۇ. شىنجاڭ قاتناش سېلىنما ئوقەتچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر رېن لېي مۇنداق دېدى: ئاپتوموبىل ئېقىمى ۋە ئېھتىياج مىقدارىغا ئاساسەن، مۇلازىمەت رايونىغا ئوخشاش بولمىغان مىقداردىكى توك قاچىلاش ئۈسكىنىسى ئورنىتىلغان بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 4 تىن 8 گىچە ئاپتوموبىل بىرلا ۋاقىتتا توك قاچىلىيالايدۇ. ئاپتوموبىل ئىگىسى توك قاچىلاش ئۈسكىنىسىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ، ئەپچاق ئارقىلىق توك قاچىلاش ئۈسكىنىسىنىڭ ئورنى، توك قاچىلاش ئەھۋالى، توك قاچىلاش ھەققى قاتارلىقلارنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.

  كېيىنكى قەدەمدەشىنجاڭ قاتناش سېلىنما گۇرۇھى يەنە يولۇچىلار ئاپتوموبىلى ۋە سودا ئاپتوموبىلى ئالماشتۇرۇش ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول مۇلازىمەت رايونىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرىگە مەبلەغ سېلىش قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتىپ، «مۇھىم تۈگۈنلەرنى تولۇق قاپلىغان، يۈرۈشتۈرۈش-ئاسراش مۇلازىمىتى ياخشى، ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشى كاپالەتكە ئىگە بولغان» يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى بويلىغان توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھە تورىنى شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تۆۋەن كاربونلۇق ئېنېرگىيە، تۆۋەن كاربونلۇق قاتناش ۋە تۆۋەن كاربونلۇق كەسپىنىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ