قەشقەر داشۆسى قاتناش شۆيۈەنى قۇرۇلدى

2023.11.01 14:48 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا، قەشقەر داشۆسى قاتناش شۆيۈەنى بۇ مەكتەپنىڭ شەرقىي شەھەر مەكتەپ رايونىدا ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى، شۆيۈەن يېڭىچە قاتناش كەسپى، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى ساھەسىدىكى ئىختىساسلىقلارنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرىدۇ.

  قەشقەر داشۆسى قاتناش شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى «بىناكارلىق قۇرۇلۇش لوڭقىسى» شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 5-نۆۋەتلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قۇرۇلما لايىھەلەش مۇسابىقىسى ۋە 16-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قۇرۇلما لايىھەلەش مۇسابىقىسى (تارماق مۇسابىقە رايونى)گە قاتناشتى. سۈرەتنى قەشقەر داشۆسى تەمىنلىگەن.

  قەشقەر داشۆسى قاتناش شۆيۈەنى شەندۇڭ قاتناش شۆيۈەنى، قەشقەر داشۆسى، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن 2021-يىلى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىنغان. ھازىر شۆيۈەندە قاتناش قۇرۇلۇشى، ئەشيا ئوبوروتى قۇرۇلۇشى، يول-كۆۋرۈك ۋە دەريادىن ئۆتۈش قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئۈچ تولۇق كۇرس كەسپى بار، مەكتەپتە 436 ئوقۇغۇچى بار.

  شۆيۈەننىڭ ئوقۇتۇش ۋە كەسپىي ئەمەلىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، قەشقەر داشۆسىنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلغان شەرقىي شەھەر مەكتەپ رايونى قاتناش شۆيۈەنىنى 10 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېقىن تەجرىبىخانا ۋە ئىش بېجىرىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى. مەكتەپ ۋە شۆيۈەننىڭ «14-بەش يىللىق يىرىك پىلان»ىغا ئاساسەن، قاتناش شۆيۈەنى يول-كۆۋرۈك ۋە دەريادىن ئۆتۈش قۇرۇلۇشى تەجرىبە مەركىزى، قاتناش قۇرۇلۇشى تەجرىبە مەركىزى ۋە ئەشيا ئوبوروتى قۇرۇلۇشى ئەمەلىي مەشىق مەركىزى قۇرىدۇ، بۇ ئۈچ مەركەزنىڭ قۇرۇلۇشى مائارىپ ساھەسىدىكى 32 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك قەرز پۇل تۈرىنىڭ مەبلەغ ياردىمىگە ئېرىشتى، بۇ يىل 18 مىليون يۈەندىن ئارتۇق قۇرۇلۇش ۋەزىپىسى تاماملاندى.

  شۆيۈەن «مەكتەپ، ھۆكۈمەت، كارخانا، بانكا» تۆت تەرەپ بىرلىشىپ ھەرىكەتلەنگەن، «ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات، ئىشلىتىش» ئىستېرېئولۇق ئىلگىرى سۈرۈلگەن كۆپ مەنبەلىك مەكتەپ باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ شىنجاڭ ۋېيتەي تەرەققىيات قۇرۇلۇشى (گۇرۇھى) پاي چەكلىك شىركىتى، قەشقەر ۋىلايەتلىك قاتناش-ترانسپورت ئىدارىسى قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق كارخانا، كەسپىي ئورۇن بىلەن ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىراكتىكا-ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە سەھنە ھازىرلاپ بەردى.

  «قاتناش شۆيۈەنى مەۋقەنى شىنجاڭدىكى <سەككىز چوڭ كەسىپ توپى> نىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا قويۇپ، ئاپتونوم رايون ھەم جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن قالتىس ئىنژېنېرلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش نىشانىنى بېكىتتى». قەشقەر داشۆسى قاتناش شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ياڭ شياۋدۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە شۆيۈەنىمىز قاتناش-تىرانسپورت قۇرۇلۇشى، ئاممىۋى قۇرۇلۇش قاتارلىق ئالاقىدار كەسىپلەردىكى يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، خاسلىقنى كۈچەيتىپ، يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ