10-ئاينىڭ 23-كۈنى، جۇڭگو ئاياللىرى مەملىكەتلىك 13-قۇرۇلتىيى خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ جىغىن يېزىسىدىن كەلگەن چېگرا قوغدىغۇچى بۇرماخان مولدو جۇڭگو ئاياللىرى 13-قۇرۇلتىيىنىڭ يېشى ئەڭ چوڭ ۋەكىلى ئىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: بېيجىڭغا يەنە بىر قېتىم كېلىپ ئاياللار كاتتا يىغىنىغا قاتناشقانلىقىمدىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلىمەن، پەخىرلىنىمەن. مېنىڭچە ۋەتەننى سۆيۈش ۋە چېگرانى قوغداشتا ياش چەكلىمىسى يوق، گەرچە مەن 81 ياشقا كىرگەن بولساممۇ، لېكىن ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ يېڭى دەۋردىكى ئاياللارغا تەسىر كۆرسىتىمەن.
بۇرماخان مولدو جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى، 1942ـ يىلى 6ـ ئايدا تۇغۇلغان بولۇپ، شىنجاڭ ئۇلۇغچات ناھىيەسىدىن. 2019-يىلى دۆلەت بايرىمى ھارپىسىدا، بۇرماخان مولدو «خەلق ئۈلگىسى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن.
«خەلق ئۈلگىسى» دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكەن بۇرماخان مولدو چېگرا سىزىقىغا «جۇڭگو تېشى» ئويماقتا.
بۇرماخان مولدو ۋەتەننى سۆيۈش، چېگرانى قوغداش خىزمىتىنى پائال تەشۋىق قىلىپ، چېگرا لىنىيەسىدىكى نۇرغۇن تاشقا «جۇڭگو» دېگەن خەتنى ئويغان، بۇ «جۇڭگو تاشلىرى» شۇ جاينىڭ چېگرانى قوغداش، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى نامايان قىلىشنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالغان.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ