شىنجاڭ بىلەن سەمەرقەنت ئارىسىدا تۇنجى قېتىم قەرەللىك بىۋاسىتە ئۇچۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

2023.10.17 11:11 مەنبە: خەلق تورى

  10ـ ئاينىڭ 15ـ كۈنى، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ CZ5053 نۆۋەتچى ئايروپىلانى ئۈرۈمچىدىن ئۆزبېكىستاننىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى سەمەرقەنتكە قاراپ ئۇچتى، بۇ شىنجاڭ بىلەن سەمەرقەنت ئارىسىدا تۇنجى قېتىم قەرەللىك بىۋاسىتە ئۇچۇش ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ سەمەرقەنتكە تۇنجى قېتىم قەرەللىك بىۋاسىتە ئۇچۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ھېسابلىنىدۇ. جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭدىن ئۆزبېكىستانغا ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە نۇقتىسى ئىككىگە كۆپەيدى.

  بۇ قېتىم يېڭىدىن ئېچىلغان ئۈرۈمچى-سەمەرقەنت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە CZ5053/4 نۆۋەتچى ئايروپىلان ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم قاتنايدۇ، بوئىن 800- B737 بەلگىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۇچىدۇ. CZ5053 نۆۋەتچى ئايروپىلان ھەر يەكشەنبە كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 23 تىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىدىن ئۇچۇپ، شۇ جاي ۋاقتى سائەت 23 تىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە سەمەرقەنتكە قونىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە ئۇچۇش ۋاقتى 3 سائەت 20 مىنۇت بولىدىكەن. قايتىش مۇساپىسىدە CZ5054 نۆۋەتچى ئايروپىلان ھەر دۈشەنبە كۈنى شۇ جاي ۋاقتى سەھەر سائەت 1 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە سەمەرقەنتتىن ئۇچۇپ، بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 7 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىگە قونىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە ئۇچۇش ۋاقتى 2 سائەت 45 مىنۇت بولىدىكەن. ئايروپىلان ئۈرۈمچىدىن سەمەرقەنتكە تۇنجى قاتنىغان كۈنى، ئايروپىلان مۇلازىمەت گۇرۇپپىسى ئايروپىلاندا «مەن سەمەرقەنتتە سىزنى ساقلايمەن» تېمىسىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، يولۇچىلارنى يەرلىكنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ئائىت بىلىملەردىن سوئال -جاۋابلارغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى ھەم كۆپچىلىككە مول مۇكاپات بۇيۇمى ۋە سوۋغات تەييارلىدى.

  سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 10-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭ بازىرىدا خەلقئارالىق يولۇچى توشۇش مىقدارى 230 مىڭ ئادەم (قېتىم) دىن ئاشقان. سەمەرقەنت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىدىغان خەلقئارا، رايون قاتناش نۇقتىسى 13 كە يەتكەن.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ