شىنجاڭ: دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن پاختا تېرىش ماشىنىسى ئۆزبېكىستانغا ئېكسپورت قىلىندى

2023.10.09 14:41 مەنبە: خەلق تورى

  10-ئاينىڭ 8-كۈنى دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئېكسپورت قىلىنىدىغان پاختا تېرىش ماشىنىسى سۆرىگۈچى ماشىنىغا ئورنىتىلدى.

  شۇ كۈنى، شىنجاڭ شىخو شەھىرىگە جايلاشقان شىنجاڭ بوشىرەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى پاي چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان تۇنجى تۈركۈمدىكى 18 دانە تۆت قۇرلۇق ساندۇقلۇق پاختا تېرىش ماشىنىسى قورغاس پورتىغا توشۇلۇپ، ئۆزبېكىستانغا ئېكسپورت قىلىندى. بۇ قېتىم ئۆزبېكىستانغا جەمئىي 54 پاختا تېرىش ماشىنىسى ئېكسپورت قىلىنىدۇ، قالغان قىسمى يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن چىقىرىلىپ بولىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ