خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭنىڭ دائىرىسى كەڭ، مەنزىرىسى گۈزەل بولۇپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى بۇ يەرگە مۇجەسسەملەنگەن.
سوغۇق تاغلىق رايون، قۇرغاق ئىسسىق ئويمانلىق، قۇملۇق بوستانلىق قاتارلىق جايلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان بولۇپ، تۈرى مول بولغان شىنجاڭنىڭ نازۇ-نېمەتلىرىنى ياراتقان.
قېنى! ئېسىل تەم سەزگۈسىگە ئەگىشىپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلايلى.
قاقلاپ پىشۇرۇش قەدىمىي تاماق ئېتىش ئۇسۇلى بولۇپ، يېڭى يېمەكلىكنى ئوتقا قاقلاپ پىشۇرسىلا يېيىشكە بولىدۇ، كاۋاپ يېپەك يولى سودا كارۋانلىرى يايلاقتىكى چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشىدا ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە ھېلىھەم شۇنداق.
جۇغراپىيەلىك ئامىللار كىلىمات ۋە ھايۋانات، ئۆسۈملۈك تۈرلىرىنى بەلگىلەيدۇ، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ يېمەكلىك مەنبەسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئوچاقتا، تاماق ئۈستىلىدە چاقناپ تۇرىدۇ.
ئوخشاشمىغان رايونلاردىكى نازۇ-نېمەتلەر بۇ يەردە ئۇچراشقان بولۇپ، يېڭى تەملەرنى يارىتىپ، يېڭى تەسىرات پەيدا قىلغان.
مەيلى ئاۋات بازار ياكى يېزىلاردىكى كىچىك بازار بولسۇن، مەززىلىك تائاملار توپلانغان جايلار كىشىلەرنى جەلپ قىلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى