ئېلىمىزنىڭ تۇنجى 10 مىڭ مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى ئىلمىي تەكشۈرۈش قۇدۇقى تارىم ئويمانلىقىدا بۇرغىلىنىشقا باشلىدى

2023.05.31 01:10 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 30-كۈنى ئېلىمىزنىڭ 10 مىڭ مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى تۇنجى ئىلمىي تەكشۈرۈش قۇدۇقى تارىم ئويمانلىقىدا رەسمىي بۇرغىلىنىشقا باشلىدى، بۇ قۇدۇققا «چوڭقۇر تارىم ئىلمىي تەكشۈرۈش 1-قۇدۇقى» دەپ نام بېرىلدى، مۆلچەردىكى بۇرغىلاپ تەكشۈرۈش چوڭقۇرلۇقى 11 مىڭ 100 مېتىر بولۇپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان. بۇرغىلاشتىن ئىلگىرى، يەر يۈزىگە تەخمىنەن 20 قەۋەتلىك بىنا ئېگىزلىكىدىكى پولات مۇنار ئورنىتىلغان بولۇپ، كۆچمە قۇم ئۈستىدە مەزمۇت قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. بۇرغىلاش باشلانغاندىن كېيىن، ئېغىرلىقى 2000 توننىدىن ئاشىدىغان بۇرغا بېشى، بۇرغا تۇرۇبىسى، كىيدۈرمە تۇرۇبا قاتارلىقلار يەر ئاستىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، بور سىستېمىسى قاتارلىق 10 نەچچە يەر قاتلىمىنى تېشىپ ئۆتۈپ، يەر شارىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىنى تەكشۈرىدىغان «تېلېسكوپ»قا ئايلىنىدۇ.

  مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 10 مىڭ مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى قۇدۇقنى بۇرغىلاش يەر شارىنىڭ نامەلۇم ساھەسى ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئىنسانلارنىڭ بىلىش پاسىلىنى كېڭەيتىشتىكى بىر قېتىملىق دادىل سىناق ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ