قىرغىزىستاننىڭ ئوش شەھىرىدىن جۇڭگونىڭ قەشقەر شەھىرىگە كۆمۈر ئىمپورت قىلىش سودىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك باشلاندى

2023.05.26 14:45 مەنبە: خەلق تورى

  5-ئاينىڭ 21-كۈنى تاڭ سەھەردە، لىق كۆمۈر قاچىلانغان قىرغىزىستاننىڭ ئوش تەرەپنىڭ كونتېينېر تىرانسپورت ئاپتوموبىلىدىن تۆتى ۋە پارچە كۆمۈر توشۇش ئاپتوموبىلىدىن ئىككىسى جۇڭگو شىنجاڭ ئەركەشتام پورتىدا تاموژنىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، شىنجاڭ چيەنخەي خەلقارا ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك شىركىتىنىڭ تاموژنا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئامبىرىغا ئوڭۇشلۇق يېتىپ باردى. بۇ قىرغىزىستان ئوش شەھىرىدە كۆمۈرنى چەت ئەلدىن ئىمپورت قىلىش، سېتىۋېلىش يوللىرىنىڭ تۇنجى قېتىم تۇتاشتۇرۇلۇپ، كۆمۈرنى خەلقئارالاشتۇرۇش سودىسىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىنغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  بۇ قېتىم تۇنجى تۈركۈمدە ئەركەشتام پورتى ئارقىلىق قىرغىزىستاننىڭ ئوش شەھىرىدىن قەشقەر شەھىرىگە ئىمپورت قىلىنغان تۆت يۈك ساندۇقى ۋە پارچە قاچىلانغان ئىككى ئاپتوموبىلدىكى كۆمۈر جەمئىي 154.69 توننىغا يەتكەن.

  ئادەيبېك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جياڭ جىدۇڭ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىم قىرغىزىستاننىڭ ئوش شەھىرىدىن شىنجاڭنىڭ قەشقەر شەھىرىگىچە بولغان تۇنجى تۈركۈمدىكى كۆمۈر ئىمپورت سودىسى ئوڭۇشلۇق، مۇۋەپپەقىيەتلىك باشلاندى، بۇ <بىر بەلباغ بىر يول> قۇرۇلۇشىنىڭ شەرق شامىلى ۋە بۇ قېتىمقى جۇڭگو ـ ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىدا ھاسىل قىلىنغان ئورتاق ئارزۇدىن كەلگەن، بىز تۇنجى قېتىم ئوشتىن قەشقەر شەھىرىگە كۆمۈر ئىمپورت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق، بۇنىڭدىن كېيىن ئىككى دۆلەتنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مىقدارى ۋە ئىقتىساد-سودا ئالاقىسىنى تېخىمۇ كۆپەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ