شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتكە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتى «كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق ھاياتنى نۇرلاندۇرۇش» باش تېمىسىدىكى دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

2023.04.24 16:56 مەنبە: خەلق تورى

  ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەر يىراقنى كۆرەلەيدۇ، مەدەنىيەت ئارقىلىق قەلبنى ئوزۇقلاندۇرىدۇ. دېھقانلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى يەنىمۇ بېيىتىپ، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇيدىغان، ئۆمۈرۋايەت ئۆگىنىدىغان ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىش ئۈچۈن «مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭنى ئوزۇقلاندۇرۇش» قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش زۆرۈر. 28-قېتىملىق دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەكىت ناھىيەسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنىنى پۇرسەت بىلىپ، «كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق ھاياتنى نۇرلاندۇرۇش» تېمىسىدىكى 23-ئاپرېل كىتاب ئوقۇش كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ كەنتكە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى، چامغۇرلۇق كەنتىنىڭ بىرىنچى شۇجىسى، ئەترەت باشلىقى لىن شىڭمېي پائالىيەتتە تەبرىك سۆزى قىلدى. دېھقان شائىرلار، كەنت «ئىككى كومىتېتى»دىكى پارتىيەلىك كادىرلار، مەكىت ناھىيەلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى ۋە خەتتاتلىق سىنىپىدىكى كۇرسانتلار بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

  بۇ قېتىمقى پائالىيەت كىتاب تەقدىم قىلىش پائالىيىتى، كىتاب ئوقۇپ ئورتاقلىشىش يىغىنى، كۆرۈپ ئۆگىنىشتىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپقان. كەنتكە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتى دېھقان شائىرلار، ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى، خەتتاتلىق سىنىپىدىكى كۇرسانتلارغا 200 پارچىدىن ئارتۇق كىتاب سوۋغا قىلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى «غەربىي رايون» ژۇرنىلى تەھرىراتىنىڭ باش مۇھەررىرى، قوشئېقىن كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ يىڭشۇ دېھقان شائىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ كىتاب ئوقۇپ ئورتاقلىشىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. كىتاب ئوقۇپ ئورتاقلىشىش يىغىنى نەق مەيدانىدا كىتابخومارلىق كەيپىياتلىرى ئەۋج ئېلىپ، دېھقان شائىرلار ۋە ئوقۇغۇچىلار بەس-بەستە پىكىر بايان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئوقۇش، يېزىقچىلىق قىلىش كەچۈرمىشلىرىنى ئورتاقلىشىپ، ئوقۇغان كىتابلىرى، ھېس قىلغان، ئويلىغانلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللىشى بىلەن يەنە مەكىت ناھىيەسىنىڭ لۇجياڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مەركىزى، ئوقۇش ئۆيى، پەن-تېخنىكا سارىيى، دېڭىز-ئوكيان سارىيى، دۆلەت مەدەنىيەت جەۋھىرى سارىيى، ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمە زالىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، كۆپچىلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ مول نەتىجىلىرىگە گۇۋاھچى بولۇپ، مەدەنىيەتنىڭ كىشىلەر قەلبىگە سىڭگەن مەنىۋى كۈچىنى ھېس قىلدى.

  بۇ قېتىمقى باش تېمىلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتتە دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى پۇرسەت قىلىنغان بولۇپ، بۇ شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ كەنتكە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭنى ئوزۇقلاندۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كونكرېت خىزمەت ئەمەلىيىتىنىڭ نامايەندىسى. دېھقان شائىرلار ئۇيۇشمىسى ۋە ئاممىۋى پاراۋانلىق بالىلار خەتتاتلىق سىنىپى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان بەرپا قىلغان مەدەنىيەت ئىسىم كارتىسى بولۇپ قالدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ شەكلى كۆپ خىل، مەزمۇنى مول بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنى بىلىم بىلەن مېڭىسىنى قوراللاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى يېزا-كەنتلەرنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىدا ئورتاق يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكلەيدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ كەنتكە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتى تۈرلۈك باش تېمىلىق كىتاب ئوقۇش پائالىيەتلىرىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىگە كىتاب ئوقۇشتىن كەلگەن خۇشاللىقنى تولۇق ھېس قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، رازىمەنلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا ئەنئەنىۋىي مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتى ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتىپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشىدۇ.كەنت كادىرلىرى ۋەكىلى قەلبىنۇر ھۈسەن مۇنداق دېدى: «كىتاب ئوقۇش كۈنى پائالىيىتى ماڭا كىتاب ئوقۇشنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلدۇردى، كىتاب ئوقۇشنىڭ مۇھىملىقىنى يەنىمۇ تونۇپ يەتتىم، كەنت كادىرلىرىنىڭ كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

  مەكىت ناھىيەلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپ 6-يىللىق 1-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى مەرھابا ئېلى مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ بەك خۇشال بولدۇم، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سوۋغا قىلغان كىتابلىرىغا كۆپ رەھمەت».

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ كەنتكە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتى «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى»نى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئەمەلىي ئېھتىياج ۋە رېئال ئەھۋالغا ئاساسەن، ئوخشاشمىغان باش تېمىدىكى سەككىز قېتىمدىن ئارتۇق كىتاب ئوقۇش مەخسۇس پائالىيىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە قانات يايدۇرۇپ، ئېتىز-ئېرىق باشلىرى، دېھقان شائىرلار ئۇيۇشمىسى، مەكتەپلەرگە كىرىپ قول تۇتۇشۇش، ئەمەلىيەت ۋە ئالماشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەردىن پايدىلىنىپ مەكىت ناھىيەسىدە قويۇق كىتاب ئوقۇش كەيپىياتى يارىتىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭنى ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى.

  ئىختىيارىي مۇخبىر ھەزرەتئېلى ئەخەت (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ