مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭدىن باشقا ئۆلكىگە ئۇچىدىغان ئىككى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى يېڭىدىن كۆپەيتىلىپ ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىلدى

2023.02.02 15:23 مەنبە: خەلق تورى

  چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، قۇمۇل ئايرودرومى بىلەن تۇرپان يارغول ئايرودرومى شىنجاڭدىن باشقا ئۆلكىگە ئۇچىدىغان ئىككى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى يېڭىدىن كۆپەيتىپ ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق ياراتتى.

  تيەنجىن ئاۋىياتسىيە چەكلىك مەسۇلىيەت شىركىتى 2-چېسلادىن باشلاپ ئۈرۈمچى-قۇمۇل-شىئەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچتى، بۇ لىنىيەدىكى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنىE190 تىپلىق ئايروپىلان ئىجرا قىلىدۇ، ھەر سەيشەنبە، پەيشەنبە، شەنبە كۈنلىرى ئۇچىدۇ. بېرىشتا سائەت 8 دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىدىن ئۇچۇپ، سائەت 12 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە شىئەنگە يېتىپ بارىدۇ، قايتىشتا سائەت 13 تىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە شىئەندىن ئۇچۇپ، سائەت 21 دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىگە يېتىپ بارىدۇ.

  تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسى ئالدىنقى مەزگىلدە قۇمۇلدىن شىئەنگە بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچقان بولۇپ، بۇ قېتىم ئۈرۈمچى-قۇمۇل-شىئەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى يېڭىدىن ئېچىپ، ئۈرۈمچى بىلەن قۇمۇلنى تۇتاشتۇرۇپ، تارماق، غول لىنىيە تورىنى تەدرىجىي بېيىتتى. بۇ لىنىيەنى ئاچقان دەسلەپكى مەزگىلدە، ئۈرۈمچى-قۇمۇل ئاۋىياتسىيە بۆلىكىنىڭ تاق مۇساپىلىك بېلەت باھاسى پەقەت 200 يۈەندىن باشلىنىپ (باجنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)، ئۇچۇش ۋاقتى بىر سائەت 30 مىنۇت ئەتراپىدا بولۇپ، ئوق پويىزغا قارىغاندا بىر سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت تېجىلىپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ۋاقتى زور دەرىجىدە تېجىلىپ، ھۆكۈمەت ئىشى ۋەتىجارەتچى يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇلدى.

  نۆۋەتتە، تۇرپان يارغول ئايرودرومى لەنجوۋ-تۇرپان-كورلا قوش يۆنىلىشلىك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈردى، بۇ لىنىيەدە خۇاشيا ئاۋىياتسىيە پاي چەكلىك شىركىتى ئايروپىلانى ئۇچىدىغان بولۇپ، CRJ900 تىپلىق ئايروپىلان ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ، ھەر دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە، كۈنى ئۇچىدۇ. بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلاننى G54845/46 بولۇپ، بېرىشتا سائەت 9 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە لەنجوۋدىن ئۇچۇپ، سائەت 12 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە تۇرپانغا يېتىپ كېلىدۇ، سائەت 12 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە تۇرپاندىن كورلىغا ئۇچىدۇ. قايتىشتا سائەت 17 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە كورلىدىن ئۇچۇپ، سائەت 18 دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە تۇرپانغا يېتىپ بارىدۇ، سائەت 19 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە تۇرپاندىن لەنجوۋغا ئۇچىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ