مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭىسار ناھىيىسىدە بىر ئەر ساختا تامغا ياسىتىپ جازاغا تارتىلدى

2023.01.31 14:37 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يېڭىسار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى شىركەتنىڭ تامغىسىنى يالغاندىن ياساش جىنايى دېلوسىنى سوت قىلىپ، جاۋابكار لۈفامىلىلىك نى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش ھەم جەرىمانە قويۇشقا ھۆكۈم قىلدى.

  2008-يىل 6-ئايدا، لۈ فامىلىلىك تاساددىپى ۋاكالىتەن تامغا ئويۇش ئېلانىنى كۆرۈپ، ئېلاندىكى تېلېفون نومۇرى بىلەن ئالاقىلىشىش ئارقىلىق 300 يۈەنگە شىنجاڭدىكى مەلۇم شىركەتنىڭ ساختا تامغىسىنى ئويدۇرغان. كېيىن، لۈ فامىلىلىك بۇ شىركەتنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ ئۆز ئالدىغا ئويدۇرغان بۇ تامغىنى يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ مەلۇم يېزا ـ بازىرىدىكى ئۈچ تۈرنى سېتىۋېلىش، خېرىدار بولۇش ھۆججىتىنى تولۇقلاپ بېجىرىشكە ئىشلەتكەن. كېيىن ئەيىبلىگۈچى ئورگان باشقىلارنىڭ شىركىتىنىڭ تامغىسىنى يالغاندىن ياساش جىنايىتى بىلەن ئۇنى ئەيىبلىدى.

  سوت مەھكىمىسى قاراپ چىققاندىن كېيىن جاۋابكار لۈ فامىلىلىك شىنجاڭدىكى مەلۇم شىركەتنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، بۇ شىركەتنىڭ تامغىسىنى يالغاندىن ياساتقان ھەمدە شەخسىي تىجارەت پائالىيىتىگە ئىشلەتكەن، ئۇنىڭ قىلمىشى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 280-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولۇپ، شىركەتنىڭ تامغىسىنى يالغاندىن ياساش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەن، ئەيىبلىگۈچى ئورگان ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپات راست ۋە تولۇق، جىنايىتى كۈچكە ئىگە. جاۋابكار لۈ فامىلىلىك ئۆزىنىڭ بۇ شىركەتنىڭ تامغىسىنى ياسىۋېلىش قىلمىشىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىقرار قىلىپ، ئۆزىنى مەلۇم قىلغان، قانۇن بويىچە يېنىكلىتىپ جازا بېرىلسە بولىدۇ. جاۋابكار لۈ فامىلىلىك تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش باسقۇچىدا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلغان، سوتتىكى جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلىش، جىنايىتىگە پۇشايمان قىلىش پوزىتسىيەسى بىر قەدەر ياخشى بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ شىركەت جاۋابكار لۈ فامىلىلىكنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، يۇقىرىقى ئەھۋاللارغا ئاساسەن، جازا ئۆلچىگەندە ئەھۋالغا قاراپ يېنىكلىتىپ جازا بېرىلسە بولىدۇ، دەپ قاراپ، ئاخىرىدا سوت مەھكىمىسى جاۋابكار لۈ فامىلىلىكنى شىركەتنىڭ تامغىسىنى ياسىۋېلىش جىنايىتى بىلەن ئىككى ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىپ، ئۈچ ئاي كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا ھەمدە 1000 يۈەن جەرىمانە قويۇشقا ھۆكۈم قىلدى.

  سوتچىنىڭ ئىزاھاتى

  جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 280-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خەت-چېكى، گۇۋاھنامىسى، تامغىسىنى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغان، ئېلىپ ساتقان ياكى ئوغرىلىغان، تارتىۋالغان، يوق قىلىۋەتكەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىمغا ئېلىش جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىپ، قوشۇمچە پۇل جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە پۇل جەرىمانە قويۇلىدۇ. شىركەت، كارخانا، كەسپىي ئورۇن، خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ تامغىسىنى ياسىۋالغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىمغا ئېلىش جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە پۇل جەرىمانە قويۇلىدۇ. كىملىك، پاسپورت، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى، شوپۇرلۇق كىنىشكىسى قاتارلىق سالاھىيىتىنى ئىسپاتلاشقا ئىشلىتىشكە بولىدىغان گۇۋاھنامىلەرنى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغان، ئېلىپ ساتقانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىمغا ئېلىش جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە پۇل جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى،يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە پۇل جەرىمانە قويۇلىدۇ.

  كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى تامغا ئويۇش، كىنىشكا بېجىرىش ئېلانلىرى بىر قىسىم قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنى يامان ئويلارغا سالىدۇ. ھەرقانداق ساختا تامغا ياساش قىلمىشى جىنايەتكە كىرىدۇ، مەيلى قانداق مەقسەتنى چىقىش قىلغان بولسۇن، قانۇن بىلەن ئوينىشىشقا بولمايدۇ، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ، ئاخىرىدا ئۆز بېشىغا چىقىدۇ،چوڭ زىيان تارتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ