مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونىدىكى پەتتار تونۇر كاۋىپى مەملىكەتنىڭ جاي-جايلىرىغا سېتىلماقتا

2023.01.29 14:03 مەنبە: خەلق تورى

  1 -ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتە، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى بەخت يولى ئادەملەر بىلەن لىق تولغانىدى. كوچىغا يېقىن جايدىكى پەتتار تونۇر كاۋىپى دۇكىنىنىڭ ئالدىدا، ساپسېرىق، چۈرۈك پىشۇرۇلغان تونۇر كاۋاپلىرى ئۈستەلگە تىزىپ قويۇلغان بولۇپ، خېرىدارلارنى دۇكانغا جەلپ قىلىپ تۇراتتى.

  − ئادەتتە كۈنىگە 40 قوينى تونۇر كاۋىپى قىلىمەن، چاغان مەزگىلىدە بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتىم، كۈنىگە 200 دىن ئارتۇق قوينى تونۇر كاۋىپى قىلدىم، ھازىر ۋاكۇئۇملۇق ئوراپ قاچىلانغان تونۇر كاۋاپلىرىمىز ۋە توخۇ كاۋاپلرىمىز ئېلېكتىرونلۇق سودىدا مەملىكەتنىڭ جاي-جايلىرىغا سېتىلىۋاتىدۇ، −دېدى دۇكان خوجايىنى پەتتار غوپۇر.

  پەتتار 40 يىلغا يېقىن تونۇر كاۋىپى پىشۇرۇش بىلەن شۇغۇللاندى. ھەر نۆۋەتلىك جۇڭگو يىپەك يولى تۇرپان ئۈزۈم بايرىمىدا، ئۇنىڭ «دۇنياۋى چوڭ تونۇر»ىدا پىشۇرغان تۇرپان تونۇر كاۋىپى جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنى ھەيران قالدۇرغان.

  − تونۇر كاۋىپىنىڭ رەڭگى، پۇرىقى، تەمىنى ئوخشىتىش ئاسان ئەمەس، بۇنىڭدا ياخشى يېمەكلىك ماتېرىيالى، خۇرۇچ بولۇپلا قالماي، ئوت ۋە ۋاقىتنىمۇ ياخشى ئىگىلەش كېرەك،− ئۇنىڭ بۇ كونا كەسپى تىلغا ئېلىنسا، پەتتار ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كېتەتتى.

  ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، پەتتار تونۇر كاۋىپى ئاساسىدا يەنە توخۇ كاۋىپىنىمۇ ساتتى.

  −يېمەكلىك ماتېرىيالى، تەمى، مۇلازىمىتى جەھەتتە خېرىدارلارنى رازى قىلغاندىن باشقا، چوقۇم سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش، باھاسى ئادىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا خېرىدارلارنى تۇتۇپ قالغىلى بولىدۇ، − دېدى پەتتار.

  تۇرپان شەھىرى بۇيلۇق مەنزىرە رايونىدا، پەتتار نەق مەيداندا ھۈنىرىنى نامايان قىلىپ، «دۇنياۋى چوڭ تونۇر» دا ئېغىرلىقى 570 كىلوگىرام كېلىدىغان پۈتۈن كالا كاۋىپىدىن ئىككىنى پىشۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ تېتىپ بېقىشىغا ھەقسىز سۇندى. ئۇ يەنە دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، ئالتە پۈتۈن قويدىن پىشۇرۇلغان چوڭ كاۋاپنى 200 ئادەمنىڭ تېتىپ بېقىشىغا سۇندى، شۇنىڭ بىلەن يەنە بىرلا ۋاقىتتا 100 توخۇنى كاۋاپ قىلدى.

  پەتتار ئۆزى بېيىش بىلەن بىللە، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەشنى ئۇنتۇپ قالمىدى، ئۇ ھۈنىرىنى دۇكاندارلار ۋە ئۆگىنىشكە كەلگەنلەرگە ئۆگىتىپ، ئۇلارنى دۇكان ئېچىشقا ئىلھاملاندۇردى. ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە 200دىن ئارتۇق ئادەم بۇ ھۈنەرنى ئىگىلەپ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىدى.

  ھازىر پەتتارنىڭ تونۇر كاۋىپى تۇرپاننىڭ ئىسىم كارتىسىغا ئايلاندى.

  −تونۇر كاۋىپى شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرى بولۇپ، ئۇنىڭغا شىنجاڭنىڭ پۇرىقى مۇجەسسەملەنگەن. مەن تونۇر كاۋىپىنىڭبۇ مەززىلىك پۇرىقىنى ئەتراپقا تارقىتىمەن، − دېدى پەتتار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ