مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭلىقلار بۇ يەتتە تۈرلۈك ئاپتوموبىل ھەيدەشنى باشقۇرۇش كەسپىنى كېچىكتۈرۈپ بېجىرسە بولىدۇ

2022.12.02 15:06 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرنىڭ 29-نويابىر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئامما ۋە كارخانىلارنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدەشنى باشقۇرۇش كەسپىنى بېجىرىشىگە ھەقىقىي قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ج خ مىنىستىرلىقىدىن يوليورۇق سوراپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، تۆۋەندىكى ئاپتوموبىل ھەيدەشنى باشقۇرۇش كەسپلىرىنى بېجىرىش ۋاقتىنى ئۇزارتقان.


  ئاپتوموبىل تەكشۈرۈتۈش ۋاقتى ئۇزارتىلىدۇ


  2022-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى يىللىق تەكشۈرۈش يېڭى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، 9 كىشىلىكتىن تۆۋەن (9كىشىلىكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تىجارەتسىز كىچىك يولۇچىلار ئاپتوموبىلى (مىنىبۇس بۇنىڭ سىرتىدا) مۇددىتى توشۇپ يىللىق تەكشۈرۈشكە توغرا كەلسە، ئىككىنچى يىلى، تۆتىنچى يىلى، سەككىزىنچى يىلى ئاپتوموبىل ئىگىسى قاتناش باشقۇرۇش 12123 APPسى ئارقىلىق يىللىق تەكشۈرۈش بەلگىسىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ئالتىنچى يىلى، ئونىنچى يىلى ۋە ئونىنچى يىلىدىن يۇقىرى ئەمەلىي تەكشۈرۈشكە توغرا كەلگەن ئاپتوموبىللارنىڭ بېجىرىش مۇددىتى بىر تۇتاش 2023-يىل 2-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئۇزارتىلىدۇ، بېجىرىش مۇددىتى ئۇزارتىلغان جەرياندا جازا بېرىلمەيدۇ.


  پراۋا مۇددىتى توشقانلارنىڭ كىنىشكا ئالماشتۇرۇش ۋاقتى ئۇزارتىلىدۇ


  شوپۇرلار ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەش كىنىشكىسىنىڭ مۇددىتى توشۇپ ئالماشتۇرۇش كەسپىنى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلسا، سالامەتلىك ئىسپاتى كەم قالسا يۇقۇم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تولۇقلاپ تاپشۇرسا بولىدۇ. يۇقۇم مەزگىلدە كۈچكە ئىگە مۇددىتى بىر يىلدىن ئېشىپ كېتىپ ئالماشتۇرمىغان پراۋىلار 2023-يىل 2-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بىر تۇتاش ئۇزارتىلىدۇ.
ئالاقە تورىدا ئالدىن تاللىغان نومۇر تاختىسىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئۇزارتىلىدۇ
ئالاقە تورىدا ئالدىن تاللايدىغان نومۇر تاختىسىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى يۇقۇم مەزگىلىگە توغرا كېلىپ قالغانلىرىنىڭ ئالدىن تاللاش نومۇر تاختىسىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى 2023-يىلى 2-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئۇزارتىلىدۇ.


  شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى تىزىمدىن ئۆچۈرۈش ۋاقتى ئۇزارتىلىدۇ


  يۇقۇم مەزگىلدە كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئۈچ يىلدىن ئېشىپ كېتىپ ئالماشتۇرمىغان پراۋىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى 2023-يىل 2-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئۇزارتىلىدۇ.


  ئاپتوموبىل ھەيدەشنى ئۆگىنىش ئىسپاتىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئۇزارتىلىدۇ


  ئاپتوموبىل ھەيدەشنى ئۆگىنىش ئىسپاتىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى يۇقۇم مەزگىلىگە توغرا كېلىپ قالغانلارنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدەشنى ئۆگىنىش ئىسپاتىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى 2023-يىل 2-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئۇزارتىلىدۇ.


  ئەسلىدىكى نومۇر تاختىسىنى ئىشلىتىش مۇددىتى توشقانلارنىڭ ساقلاپ قېلىش ۋاقتى ئۇزارتىلىدۇ


  يۇقۇم مەزگىلدە ئەسلىدىكى نومۇر تاختىسىنى ئىشلىتىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلگەنلىرى سىستېما ئەسلىدىكى نومۇر تاختىسىنى ساقلاش ۋاقتىنى 2023-يىل 2-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئۇزارتىدۇ.
ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى مەجبۇرىي بىراك قىلىش ئۆلچىمىنىڭ ۋاقتى بىر تۇتاش ئۇزارتىلىدۇ
يۇقۇم مەزگىلىدە ئۈچ تەكشۈرۈش مۇددىتى ئۆتۈپ كەتسىمۇ تەكشۈرمەي مەجبۇرىي بىراك قىلىش ئۆلچىمىگە يەتكەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى سىستېما مەجبۇرىي بىراك قىلىش ئۆلچىمىنىڭ ۋاقتىنى بىر تۇتاش 2023-يىل 2-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئۇزارتىدۇ، تەكشۈرۈش كۈچكە ئىگە مۇددىتىنىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتى تەڭشەلمەيدۇ، باشقا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى بۇ قېتىمقى تەڭشەش دائىرىسىدە بولمايدۇ.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ