مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۈرۈمچى شەھىرى شەھەر رايونىدىكى رايون ھالقىيدىغان 153 ئاممىۋى قاتناش لىنىيەسىنىڭ تىجارىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈردى

2022.12.02 15:04 مەنبە: خەلق تورى

  12- ئاينىڭ 1- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش-تىرانسپورت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى چياڭ مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.


  شەھەر ئاھالىسى دوستلارنىڭ بىخەتەر، قولايلىق سەپەرگە چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 12- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرى شەھەر رايونىدىكى رايون ھالقىيدىغان 153 ئاممىۋى قاتناش لىنىيەسىنىڭ تىجارىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈردى، ئالتە مەركىزىي شەھەر رايونىنىڭ پۈتۈن دائىرىسىنى ۋە يولۇچىلار ئېقىمى كۆپ ئايرودۇرۇم، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول يولۇچى توشۇش تۈگۈنىنى نۇقتىلىق قاپلىدى، قاتناش مۇلازىمەت ۋاقتى سائەت 9:00دىن 21:00گىچە بولىدۇ.


  12- ئاينىڭ 1- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى قاتناشقا كىرىشكەن تاكسىنى 6400گە يەتكۈزۈپ، تىجارەت كۆلىمىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن كېڭەيتىپ، تاكسىچىلىق كەسپىنىڭ توشۇش كۈچىنى تولۇق ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، كۆپچىلىك سىرتقا چىقسىلا تاكسىغا ئولتۇرالايدىغان، بىخەتەر تاكسىغا چىقالايدىغان، راھەت تاكسىغا ئولتۇرالايدىغان قىلىدۇ.
لى چياڭ مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: ياخشى بولغان ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇش تەرتىپىنى قوغداش ئۈچۈن، كەڭ شەھەر ئاھالىسى دوستلار ئاپتوبۇسقا (تاكسىغا) چىققاندا ئاڭلىق ھالدا كودنى سكاننېرلاپ، كودنى تەكشۈرۈشكە ماسلىشىپ، ئاپتوبۇسقا (تاكسىغا) ئولتۇرغان پۈتۈن جەرياندا ماسكىنى ئۆلچەملىك تاقىشى كېرەك. كودنى سكاننېرلاشتا قىيىنچىلىقى بار شەھەر ئاھالىسى ئاممىغا شوپۇرلار ساغلاملىق كودىنى ۋاكالىتەن تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى قىلىپ، ئاپتوبۇسقا (تاكسىغا) راۋان ئولتۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ