مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۈرۈمچى شەھىرىدە 271 ئورۇندىكى تېز يەتكۈزۈش تور نۇقتىسى تىجارەتنى ئەسلىگە كەلتۈردى، جېڭجوۋ، شىئەن، گەنسۇدىن ئۈرۈمچىگە ماڭىدىغان تېز يوللانما يولى ئېچىۋېتىلدى

2022.12.02 15:02 مەنبە: خەلق تورى

  12- ئاينىڭ 1- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پوچتا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى فاڭ تاۋ تېز يەتكۈزۈش تىجارىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.


  ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھازىر 271 ئورۇندىكى تېز يەتكۈزۈش تور نۇقتىسى تىجارەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 80 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق پوچتا يوللانمىسى، تېز يوللانما يەتكۈزۈۋاتىدۇ، خەۋپ- خەتەر دەرىجىسى تۆۋەن رايونلاردىكى ئاھالىلەر پوچتىدىن ئەۋەتىلگەن تېز يوللانمىلارنى ناھايىتى تېزلا تاپشۇرۇۋالالايدۇ. تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پوچتا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بىر تەرەپتىن قوبۇل قىلىش، ئەۋەتىش كەسپىنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈردى. جۇڭگو پوچتىسى، جۇڭگو تۆمۈريول تېز توشۇش ئالدى بىلەن قوبۇل قىلىش- ئەۋەتىش كەسپىنى ئەسلىگە كەلتۈردى، ئەۋەتىش ئېھتىياجى بولغان ئاھالە دوستلار بۈگۈندىن باشلاپ يۇقىرىقى شىركەتلەرنىڭ تىجارەت تور نۇقتىلىرىغا بېرىپ نورمال ئەۋەتىش كەسپىنى بېجىرسە بولىدۇ، باشقا شىركەتلەرنىڭ تور نۇقتىلىرى ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەۋاتىدۇ؛ ھەرقايسى تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرىنىڭ باش ئىشتابى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش، ماسلىشىش ئارقىلىق، جېڭجوۋ، شىئەن، گەنسۇدىن ئۈرۈمچىگە ماڭىدىغان تېز يوللانما يولىنى ئېچىۋەتتى، باشقا ئۆلكىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇۋاتىدۇ.


  يەنە بىر تەرەپتىن، يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىكىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلىدى. دۆلەت پوچتا ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ پوچتا يوللانمىسى، تېز يوللانمىلارنى دېزىنفېكسىيەلەش خىزمەت كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن، ئۈرۈمچىگە كىرگۈزۈلىدىغان پوچتا يوللانمىسى، تېز يوللانمىلارنى ئالدى بىلەن ئايرىپ تارقىتىش مەركىزىدە بىر- بىرلەپ دېزىنفېكسىيەلەشنى قانات يايدۇردى، تېز يوللانمىلارنى ئۈرۈمچىگە كىرگۈزگەندىن كېيىن، دەرھال يېپىق ھالقىسىمان باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، يەتكۈزۈشتىن بۇرۇن يەنە بىر قېتىم سىرتقى ئورالمىسىنى تولۇق دېزىنفېكسىيەلىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇچراشماي يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پوچتا يوللانمىسى، تېز يوللانمىلارنى بىخەتەر يەتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.


  فاڭ تاۋ كەڭ شەھەر ئاھالىسى دوستلارغا مۇنداق ئەسكەرتتى: تېز يوللانمىنى تاپشۇرۇۋالغاندا، ئالدى بىلەن مۇداپىئەلىنىش، ئاندىن تاپشۇرۇۋېلىش، دېزىنفېكسىيەلەپ تىنچ قويۇپ قويغاندىن كېيىن ئاندىن ئىشلىتىش، يوللانمىنىڭ ئورالمىسىنى ئاچقاندىن كېيىن قولنى يۇيۇشنى ئۇنتۇپ قالماسلىق، سىرتقى ئورالمىسىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش لازىم.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ