مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۈرۈمچى شەھىرىدە 11-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن باشلاپ تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرىنىڭ تىجارىتى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ

2022.11.30 00:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 11-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 11-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن باشلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرىنىڭ تىجارىتىنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرىدىكەن.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سۈي رۇڭ مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئەھۋالى سىجىل ياخشىلاندى، خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى رايونلارنىڭ دائىرىسى ئۈزلۈكسىز تارىيىپ، خەۋپ-خەتىرى تۆۋەن رايونلارنىڭ تۇرمۇش تەرتىپى تېز ئەسلىگە كەلدى. شەھەرلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئۇنىۋېرسال مۇھاكىمە قىلىپ ھۆكۈم قىلىشى ئارقىلىق، 11-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن باشلاپ، كەسىپكارلارنى بىرتۇتاش تاماق-ياتاق بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇش، يېپىق ھالقىلىق باشقۇرۇشنى چىڭىتىش، يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئالدىنقى شەرتىدە، تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرىنىڭ ئايلىنىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، خەۋپ-خەتىرى تۆۋەن رايوندىكى شەھەر ئاھالىلىرىنى نۇقتا-نۇقتا بويىچە يەتكۈزۈپ بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش قارار قىلىندى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى فاڭ تاۋ مۇنداق دېدى: ھازىر پوچتا، شۈنفېڭ، جىڭدۇڭ قاتارلىق تور نۇقتىلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەلىپى بويىچە تىجارەتنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، بېسىلىپ قالغان پوچتا يوللانمىلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن يەتكۈزۈپ بەردى. شەھەرلىك پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسى مەملىكەت بويىچە پوچتا تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرىنىڭ باش ئىشتابى بىلەن ئالاقىلىشىپ، باشقا ئۆلكە، شەھەرلەردە بېسىلىپ قالغان پوچتا يوللانمىلىرىنى تېز بىر تەرەپ قىلىشنى تېزلىتىپ، باشقا ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ پوچتا يوللانمىلىرىنى تېز يەتكۈزۈش يوللىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن راۋانلاشتۇردى. ئالدىنقى باسقۇچلۇق بېسىلىپ قالغان تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى بىر قەدەر چوڭ، ھەر قايسى تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قولىغا بالدۇرراق يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ