مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۈرۈمچىدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خىزمەتچىلىرى نۇقتىدىن نۇقتىغا بېرىش شەكلىدە ئىشقا چۈشسە بولىدۇ

2022.11.29 14:36 مەنبە: خەلق تورى

  11-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى يېڭى تىپلىق تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇم مۇداپىئە-تىزگىن خىزمىتى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سۈي رۇڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئۇقتۇردى.


  11-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن باشلاپ، تۇرۇشلۇق جايى ۋە خىزمەت ئورنى خەۋپ-خەتىرى تۆۋەن رايوندا بولغان پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خىزمەتچىلىرى ئۆزى تۇرۇشلۇق مەھەللىگە مەلۇم قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇپ، باھالاش ئارقىلىق خەۋپ-خەتەر ئامىلىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، نۇقتىدىن نۇقتىغا بېرىش شەكلىدە ئىشقا بېرىپ-كەلسە بولىدۇ، خىزمەت ۋاقتىدا ئاشخانىدا غىزالىنىشقا، ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن يىغىلىش قىلىشقا، بېرىپ-كېلىش يولىدا يۇقىرى خەۋپ–خەتەر رايونلىرىغا بېرىشقا بولمايدۇ، بۇلار يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇلۇشنى قاتتىق ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ