خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ نوپۇس ئىستاتىستىكىسى يىللىق مەلۇمات خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، شىنجاڭدىكى ج خ ئورگانلىرى 2022-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 0 دىن 2022-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 24 كىچە نوپۇس كەسپى (ئۈندىداردىكى «شىنجاڭ ج خ مىكرو ساقچى ئىشلىرى» ئەپچىسىدىكى نوپۇس كەسپى)نى بېجىرىشنى ۋاقىتلىق توختىتىدۇ. بېجىرىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، زۆرۈر بولمىغان ئاۋارىچىلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، يېقىندا نوپۇس كەسپىنى بېجىرىدىغان ئامما مۇددەتتىن بۇرۇن نوپۇس كەسىپى زالىغا بېرىپ مەسلىھەت سوراشقا ياكى ئۈندىدار «شىنجاڭ ج خ مىكرو ساقچى ئىشلىرى» ئەپچىسىدە ئىلتىماس تاپشۇرۇشقا بولىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ خىزمەت، تۇرمۇشىغا قولايسىزلىق ئېلىپ كەلگەنلىكىمىزنى كەچۈرگەيسىزلەر.
ش ئۇ ئا ر ج خ نازارىتى
ئامانلىق باشقۇرۇش باش ئەترىتى
2022-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ