11-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھىرى يۇقۇم مۇداپىئە–تىزگىن خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. ئالاقىدار مەسئۇل خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 28-چېسلادىن باشلاپ تۈرلۈك يۇقۇم مۇداپىئە–تىزگىن تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا تۆۋەندىكىلەر تەدرىجىي، تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىكەن:
. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تۆمۈريول، خەلق ئاۋىياتسىيەسى، كوچا ئاپتوبۇسى ۋە تاكسى قاتارلىق شەھەر ئاممىۋى قاتنىشى تەدرىجىي، تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ، ھازىر ئالاقىدار خىزمەتلەر چىڭ تۇتۇپ ئىشلەنمەكتە.
. تۆۋەن خەۋپ-خەتەر رايونلىرىدىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك سودا ساراي، تاللا دۇكىنى، بازار، دورا دۇكىنى، ئاشخانا، ماي قاچىلاش پونكىتى، بانكا قاتارلىق تىجارەت سورۇنلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيىتى تەدرىجىي، تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ