مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىلەرنىڭ بىنادىن چۈشۈپ پائالىيەت قىلىشىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، ۋاقتىدا ھۆكۈم چىقىرىپ، جەمئىيەت قاتلىمىدىن يۆتكىلىشنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ

2022.11.23 23:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جېڭ دېلۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

  پۈتۈن شەھەر بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە سەۋرچانلىق بىلەن چىڭ تۇرۇش، بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش كۈرىشىدە پائال ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى. بولۇپمۇ ئالدىنقى باسقۇچلۇق مەركەزلىك ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق، يۇقۇم كۆلىمى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىنىپ، سىجىل تۆۋەنلىدى، خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى رايونلارنىڭ دائىرىسى ئۈزلۈكسىز تارىيىپ، ئۇدا نەچچە كۈن يېڭىدىن كۆپەيگەن مۇسبەت يۇقۇملانغۇچىلار بولمىغان تۆۋەن خەۋپ-خەتەر رايونى بارغانسېرى كۆپەيدى. بولۇپمۇ يېقىنقى بىر نەچچە كۈندە، بىر قىسىم تۆۋەن خەۋپ-خەتەر رايونىدىكى ئاھالىلەر بىنادىن چۈشۈپ، سىرتقا چىقىپ پائالىيەت قىلدى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، كەلگۈسى بىر نەچچە كۈندە يەنە ئاھالىلەرنىڭ بىنادىن چۈشۈش پائالىيىتىنىڭ قاپلاش دائىرىسى داۋاملىق كېڭەيتىلىدۇ. بۇ، خەۋپ-خەتىرى تۆۋەن رايونلار ئەتراپتىكى خەۋپ-خەتىرى تۆۋەن رايونلار بىلەن مەركەزلىك تۇتاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ۋاقتىدا ئانالىز قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىپ، جەمئىيەتتە يۆتكىلىش تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ