2022- يىللىق بېيجىڭ مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى بۈگۈن باشلاندى، ئەر-ئاياللار گۇرۇپپىسىنىڭ چېمپىيونى ئېلان قىلىندى

2022.11.07 10:22 مەنبە: خەلق تورى

  ئالدىنقى قېتىملىق مۇسابىقىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندە، يەنى 6-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن سائەت 7:30 دا بېيجىڭ مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى باشلاندى. بۇ يىلقى «بېيجىڭ مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى» 40-نۆۋەتلىك مۇسابىقە بولۇپ، ئەرلەر گۇرۇپپىسى مۇسابىقىسىدە، ئانۇبەگ قۇۋان 2 سائەت 14 مىنۇت 34 سېكۇنتلۇق نەتىجە بىلەن چېمپىيون بولدى ھەمدە ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى يەككە نەتىجىسىنى 5 مىنۇتتىن ئارتۇقراق يۇقىرى كۆتۈردى. ياڭ چۈنلۇڭ بىلەن خې جيې 2 سائەت 19 مىنۇت 11 سېكونتلۇق ۋە 2 سائەت 21 مىنۇت 26 سېكونتلۇق نەتىجە بىلەن ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى بولدى.

  ئاياللار گۇرۇپپىسى مۇسابىقىسىدە شيا يۈيۈ 2 سائەت 28 مىنۇت 57 سېكونتلۇق نەتىجە بىلەن پەللىگە بېرىپ، 2023 - يىللىق بۇداپېشت دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ 2 سائەت 28 مىنۇت 0 سېكونتلۇق ئۆلچەمگە يېتىش نەتىجىسىگە تەڭلىشىشكە ئازلا قالدى. لى يىڭمېي بىلەن ۋاڭ مىن 2 سائەت 30 مىنۇت 44 سېكۇنتلۇق ۋە 2 سائەت 33 مىنۇت 5 سېكۇنتلۇق نەتىجە بىلەن كۈمۈش مېدال ۋە مىس مېدالغا ئېرىشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ