مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كورلا شەھىرى ئاھالىلىرى سىرتقا چىقىپ داۋالىنىشتا بۇ تەرتىپكە ئاساسلىنىڭ

2022.09.29 22:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، كورلا شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، كورلا شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى خۇڭيەن كورلا شەھىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ سىرتقا چىقىپ داۋالىنىش خىزمەت تەرتىپىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

  «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش لايىھەسى (9-نۇسخا)»دىكى بەلگىلىمە ۋە ئاپتونوم رايون، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە ئالاقىدار خىزمەت تەلىپىگە ئاساسەن، كورلا شەھىرى ئاھالىلىرىنىڭ سىرتقا چىقىپ داۋالىنىشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۇقۇمنىڭ سىرتقا چىقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى قاتتىق ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، كورلا شەھىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمەت تەلىپىگە بىرلەشتۈرۈپ، كورلا شەھىرى ئاھالىلىرىنىڭ سىرتقا چىقىپ داۋالىنىش خىزمەت تەرتىپىنى تۆۋەندىكىچە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىمىز:

  بىرىنچى، دوختۇرخانىدا ياتمىغان بىمارلار كورلىدىن ئايرىلىپ سىرتقا چىقىپ داۋالانسا

  (بىرىنچى) كورلىدىن ئايرىلىپ شىنجاڭ سىرتىدا داۋالىنىدىغانلار

  خەۋپ-خەتىرى تۆۋەن رايوندىكى بىمارلار ھەقىقەتەن كېسەللىك سەۋەبىدىن شىنجاڭدىن ئايرىلىپ داۋالىنىشقا توغرا كەلسە، ئۆزى سىرتقا چىقىپ داۋالىنىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرىدۇ ھەم ئۆزى تۇرۇشلۇق كەنت (مەھەللە)گە ئۆزى ۋە ھەمراھ بولۇپ بارغۇچىنىڭ يېقىنقى ئۈچ كۈندىكى يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشتە مەنپىيلىك ئىسپاتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، مەھەللە بىمار ۋە ھەمراھ بولۇپ بارغۇچىنىڭ يەتتە كۈن ئىچىدىكى تارقىلىشچان كېسەللىكنى تەكشۈرۈش دوكلاتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، يېزا-بازار، كوچا باشقارمىلىرى يۇقىرىقى ماتېرىياللارنى تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن، داۋالاش-قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسىغا مەلۇم قىلىدۇ، شەھەرلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى بىماردا «يۇقۇمنىڭ سىرتقا ئېقىپ چىقىش خەۋپ-خەتىرىنىڭ بار-يوقلۇقى»غا ھۆكۈم قىلىدۇ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش گۇرۇپپىسى يېزا-بازار، كوچا باشقارمىلىرىغا «سىرتقا چىقىپ داۋالانسا بولىدىغان-بولمايدىغانلىقى» ھەققىدە جاۋاب قايتۇرىدۇ.

  ئوتتۇرا، يۇقىرى خەۋپ-خەتەر رايونىدىكى بىمارلار ھەقىقەتەن كېسەللىك سەۋەبىدىن شىنجاڭدىن ئايرىلىپ داۋالىنىشقا توغرا كەلسە، ئۆزى سىرتقا چىقىپ داۋالىنىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرىدۇ ھەم ئۆزى تۇرۇشلۇق كەنت (مەھەللە)گە ئۆزى ۋە ھەمراھ بولۇپ بارغۇچىنىڭ ئۈچ كۈن ئىچىدىكى يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش مەنپىيلىك ئىسپاتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، مەھەللە بىمار ۋە ھەمراھ بولۇپ بارغۇچىنىڭ يەتتە كۈن ئىچىدىكى تارقىلىشچان كېسەللىكنى تەكشۈرۈش دوكلاتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، يېزا-بازار، كوچا باشقارمىلىرى يۇقىرىقى ماتېرىياللارنى تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن، داۋالاش-قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسىغا مەلۇم قىلىدۇ، قالغان تەرتىپلەر ئوخشاش بولىدۇ.

  (ئىككىنچى) كورلىدىن ئايرىلىپ شىنجاڭ ئىچىدە داۋالىنىدىغانلار

  خەۋپ-خەتىرى تۆۋەن رايوندىكى بىمارلار ھەقىقەتەن كېسەللىك سەۋەبىدىن كورلىدىن ئايرىلىپ شىنجاڭ ئىچىدە داۋالىنىشقا توغرا كەلسە، ئۆزى سىرتقا چىقىپ داۋالىنىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرىدۇ ھەم ئۆزى تۇرۇشلۇق كەنت (مەھەللە)گە ئۆزى ۋە ھەمراھ بولۇپ بارغۇچىنىڭ يېقىنقى ئۈچ كۈندىكى يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش مەنپىيلىك ئىسپاتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، مەھەللە بىمار ۋە ھەمراھ بولۇپ بارغۇچىنىڭ يەتتە كۈن ئىچىدىكى تارقىلىشچان كېسەللىكنى تەكشۈرۈش دوكلاتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، يېزا-بازار، كوچا باشقارمىلىرى يۇقىرىقى ماتېرىياللارنى تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن، داۋالاش-قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسىغا مەلۇم قىلىدۇ، شەھەرلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى بىماردا «يۇقۇمنىڭ سىرتقا ئېقىپ چىقىش خەۋپ-خەتىرىنىڭ بار-يوقلۇقى»غا ھۆكۈم قىلىدۇ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش گۇرۇپپىسى يېزا-بازار، كوچا باشقارمىلىرىغا «سىرتقا چىقىپ داۋالانسا بولىدىغان-بولمايدىغانلىقى» ھەققىدە جاۋاب قايتۇرىدۇ.

  ئوتتۇرا، يۇقىرى خەۋپ-خەتەر رايونىدىكى بىمارلار ھەقىقەتەن كېسەللىك سەۋەبىدىن كورلىدىن ئايرىلىپ شىنجاڭ ئىچىدە داۋالىنىشقا توغرا كەلسە، ئۆزى سىرتقا چىقىپ داۋالىنىش ئىلتىماسى، ئاپتونوم رايونلۇق سېرىق كود بېكىتىلگەن قۇتقۇزۇش-داۋالاش دوختۇرخانىسىنىڭ قوبۇل قىلىش ئىسپاتىنى تاپشۇرىدۇ، باشقا تەرتىپلەر يۇقىرىقىغا ئوخشاش.

  ئىككىنچى، دوختۇرخانىدا ياتقان بىمارلار كورلىدىن ئايرىلىپ سىرتقا چىقىپ داۋالىنىشقا توغرا كەلسە

  دوختۇرخانىدىكى بىمارلار كېسەللىك ئەھۋالى سەۋەبىدىن كورلىدىن ئايرىلىپ سىرتقا چىقىپ داۋالىنىشقا توغرا كەلگەندە، تۇرۇشلۇق دوختۇرخانا بىلەن يۆتكەپ داۋالىماقچى بولغان يۇقىرى دەرىجىلىك ياكى تەڭ دەرىجىلىك دوختۇرخانا بىلەن يىراق مۇساپىلىك كېڭىشىپ دىياگنوز قويىدۇ ھەمدە بىمار ۋە ھەمراھ بولۇپ بارغۇچىنىڭ يېقىنقى ئۈچ كۈندىكى يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش مەنپىيلىك دوكلاتى، شۇنداقلا شۇ كۈندىكى ئانتىگېننى تەكشۈرۈش مەنپىيلىك نەتىجىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ، بىمارنىڭ سىرتقا چىقىپ داۋالىنىش ئىلتىماسى، كېسەللىك ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈشنى بىرلىكتە شەھەرلىك قوماندانلىق ئىشتابى داۋالاش-قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسىغا تاپشۇرىدۇ، داۋالاش-قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسى قوبۇل قىلغان دوختۇرخانا بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ ئۇدۇللاشتۇرىدۇ، ئاندىن ئوبلاستلىق داۋالاش-قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسىغا مەلۇم قىلىپ، قوشۇلغاندىن كېيىن يۆتكەپ داۋالاشقا بولىدۇ. ئوبلاستلىق قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ داۋالاش-قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسى كېسەل كۆرسەتكۈچىلەر ۋە ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچىلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى بارىدىغان جايدىكى دوختۇرخانا تۇرۇشلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىغا ماس قەدەمدە يوللاپ بېرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ