مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۈرۈمچى شەھىرى ئۆي قەرزى، ئاپتوموبىل قەرزنىڭ دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى قايتۇرۇش ۋاقىت چېكىنى ئۇزارتتى

2022.09.29 22:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 27-كۈنى كەچتە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ليۇ چيەن مۇنداق ئۇقتۇرۇش قىلدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز تەسىرىگە پائال تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەت، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى بىر قاتار سىياسەت-تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاساسىدا ئۆي قەرزى، ئاپتوموبىل قەرزىنىڭ دىرىنى قايتۇرۇش، ئۆسۈمىنى قايتۇرۇش ۋاقىت چېكىنى ئۇزارتتى.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا كەلتۈرگەن پايدىسىز تەسىرىگە پائال تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى، خەلق ھۆكۈمىتى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ دۆلەت، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى بىر قاتار سىياسەت-تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاساسىدا ئۆي قەرزى، ئاپتوموبىل قەرزىنىڭ دىرى، ئۆسۈمىنى قايتۇرۇش ۋاقىت چېكىنى ئۇزارتتى.

  ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار، يەككە سودا-سانائەتچىلەر قەرز پۇلى ھەم شەخسىي تۇرالغۇ، ئىستېمال قاتارلىق قەرز پۇللارغا قارىتا دۆلەت، ئاپتونوم رايون ھەم ئۈرۈمچى شەھىرى ئالاقىدار سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى بازارلاشتۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە قەرەلىنى ئۇزارتىش ياكى داۋاملىق قەرز بېرىپ قوللاش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار (جۈملىدىن ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانا ئىگىلىرى)، يەككە سودا-سانائەتچىلەر، يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرى قاتارلىقلارنىڭ قەرز پۇلىغا قارىتا، دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى قەرەلىنى ئۇزارتىپ قايتۇرۇشنى يولغا قويدى، ئىناۋەت خاتىرىسىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، جەرىمانە ئۆسۈمى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملىنىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانغان ياكى ئايرىپ داۋالانغان، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئايرىپ كۆزىتىلگەن ياكى كىرىم مەنبەسىدىن ئايرىلغان كىشىلەر توپىغا قارىتا، ئۇلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقان شەخسىي تۇرالغۇ ئۆي، ئىستېمال قاتارلىق قەرز پۇللىرىغا قارىتا قەرز قايتۇرۇش ۋاقتىنى مۇۋاپىق كېچىكتۈرۈش، قەرز پۇل مۇددىتىنى ئۇزارتىش، دىرىنى قايتۇرۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىش قاتارلىق شەكىللەرنى جانلىق قوللىنىپ، قەرز قايتۇرۇش پىلانىنى تەڭشەش كېرەك. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كېيىن، ئالاقىدار تارماقلار ھەر قايسى چوڭ بانكىلارنىڭ بۇ كەسىپنى بېجىرىدىغان ئالاقىلاشقۇچىلىرى ۋە تېلېفون نومۇرلىرىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ