مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ھەمكارلىشىپ كەلگۈسىگە يۈزلىنەيلى! 7 - نۆۋەتلىك جۇڭگوئاسىيا-ياۋروپا يەرمەنكىسى باشلاندى

2022.09.20 14:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-نۆۋەتلىك جۇڭگوئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى 19-چېسلا چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھىرىدە باشلاندى. بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمە«ئورتاق كېڭىشىپ، ئورتاق قۇرۇپ، ئورتاق بەھرىلىنىپ، ھەمكارلىشىپ كەلگۈسىگە يۈزلىنىش» نى باش تېما قىلىپ، تور ۋە تور سىرتى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن ئۇسۇلدا ئۆتكۈزۈلدى. ئاسىيا، ياۋروپا، ئافرىقا، ئامېرىكا قىتئەسىدىكى 32 دۆلەت (رايون) دىن كەلگەن 3600 كارخانا كۆرگەزمىگە قاتناشتى.

  بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىدە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى كۆرگەزمە رايونى، خەلقئارا ۋە شياڭگاڭ-ئاۋمېن-تەيۋەن كۆرگەزمە رايونى ھەم تاۋار سودىسى كۆرگەزمە رايونىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىندى.نۆۋەتتە، مەملىكىتىمىزدىكى 24 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ۋە شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر يەرمەنكىگە قاتناشتى، بۇنىڭ ئىچىدە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى، جېجياڭ ئۆلكىسى بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىدىكى ئاساسلىق مېھمان ئۆلكە.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىدە پەن - تېخنىكا تىرىكى كۈچەيتىلىپ، يۇغۇرما كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇلغان. توردىكى رەقەملەشكەن كۆرگەزمە ئۇچۇر سۇپىسى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، 5G، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، چوڭ سانلىق مەلۇمات، بۇلۇت ھېسابلاش قاتارلىق پەن -تېخنىكىنى قوللىنىش ئارقىلىق بۇلۇت يىغىنى، بۇلۇتتا كۆرسىتىش، بۇلۇتتا كېڭىشىش، بۇلۇتتا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئىقتىدار ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ھۆكۈمەت، سودا سۇپىلىرى، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ھەمتۈرتكە بولۇشى ئىلگىرى سۈرۈلۇپ، تىرىشىپ مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدىغان ئاسىيا-ياۋروپا يەرمەنكىسى بەرپا قىلىندى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىدە تۇنجى قېتىم «تيانشان مۇنبىرى» ۋە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى، پەن ـ تېخنىكا ھەمكارلىقى، پۇل مۇئامىلە تەرەققىياتى قاتارلىق كۆپ مەيدان مەخسۇس تېمىلىق مۇنبەر ۋە ئېچىۋېتىلگەن بىڭتۈەن قاتارلىق مەخسۇس تېمىلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدىكەن. جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مېھمانلار، داڭلىق مۇتەخەسسىس، ئالىملار، كارخانا مەسئۇللىرى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى ۋە پەن - تېخنىكا، پۇل مۇئامىلە، سەھىيە قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ سىياسەت جەھەتتىكى ئالاقىسى، ئەسلىھەلىرىنى تۇتاشتۇرۇش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، مەبلەغنى يۈرۈشتۈرۈش، ئەل رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.




كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : 热依拉 依沙木丁
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ