مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ كېرىيە سوت مەھكىمىسى بىر قېتىملىق ساختا ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ئۇچۇرى ئارقىلىق پۇلنى ئالداپ ئېلىۋېلىش دېلوسىغا ھۆكۈم چىقاردى

2022.09.16 20:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كېرىيە ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى بىر تور ئالدامچىلىقى دېلوسىغا ئوچۇق سوت ئېچىپ، جاۋابكار بەي XX كە مۇددەتلىك بىر يىللىق قاماق جازاسى بېرىش، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇش جازاسى بېرىشنى ھۆكۈم قىلدى.

  2020-يىلى 12-ئايدا بەي XX ئۆزى قۇرغان ئۈندىدار توپىدا نىمكەش ئاپتوموبىل سېتىش ئۇچۇرىنى ئېلان قىلغان ھەمدە بىر نەچچە ئاپتوموبىلنىڭ پارچە سۈرىتىنى يوللىغان. 2021-يىلى 1-ئايدا ئا XX ئۇچۇرنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر خىل پىكاپنى ياقتۇرۇپ قېلىپ، بەي XX نى ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىگە قوشقان. ئىككى تەرەپ مەسلىھەتلىشىپ ئا XX بۇ ماشىنىنى 43 مىڭ يۈەنلىك باھادا سېتىۋېلىپ، 10 مىڭ 500 يۈەننى ئالدىن تۆلىگەن، قالغان پۇلنى تاكى تۆلەپ بولغانغا قەدەر ھەر ئايدا 1600 يۈەندىن بېرىش ھەققىدە مەسلىھەتلەشكەن. ئىككى تەرەپ ئا XX ئالدىن تاپشۇرغان پۇلنى تۆلەپ بولغاندىن كېيىن، بەي XX بىر ئاي ئىچىدە ئاپتوموبىلنى تاپشۇرۇشقا پۈتۈشكەن. ئۇزاق ئۆتمەي ئا XX ئۈندىدار ئارقىلىق ئۈچ قېتىمغا بۆلۈپ، بەي XX كە ئالدىن تاپشۇرىدىغان پۇلنى تۆلىگەن. لېكىن، پۈتۈشكەن ئاپتوموبىل تاپشۇرۇش ۋاقتى كەلگەندە، ئا XX بەي XX بىلەن ئالاقىلىشالمىغان، بەي XX ئۇنى ئۈندىدار قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈۋەتكەن.

  بۇ يىل 2-ئايدا مەي XX بەي XX نىڭ ئۈندىدار توپىدا مەلۇم ماركىلىق پىكاپنى سېتىۋالماقچى بولغان. بەي XX بۇ ئۇچۇرنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنى دوستلار چەمبىرىكىگە قوشۇپ، مەي XX كە ياردەم قىلىپ، كۆڭۈلدىكىدەك پىكاپ ئېلىپ بېرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان ھەمدە مەي XX نىڭ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشقا ئالدىن بەرگەن 6000 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغاندىن كېيىن، مەي XX نى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈۋەتكەن. مەي XX ئالدانغانلىقىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن ساقچىغا مەلۇم قىلغان، شۇنىڭ بىلەن دېلو بايقالغان.

  5-ئايدا، بەي XX جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تەرىپىدىن تۇتۇلغاندىن كېيىن، جىنايەت پاكىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان. كېرىيە ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسى قاراپ چىققاندىن كېيىن، بەي XX ئۈندىدار توپىدىن پايدىلىنىپ ساختا ۋاكالىتەن ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىپ، ئا XX ، مەي XX نىڭ جەمئىي 16 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان، دەپ قاراپ، ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن جاۋابكار بەي XX كە مۇددەتلىك بىر يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى، قوشۇمچە 2000 يۈەن جەرىمانە قويۇپ، ئۇنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئا XX ، مەي XX نىڭ ئالدىن تاپشۇرغان ئاپتوموبىل پۇلىدىن جەمئىي 16 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى قايتۇرۇپ بېرىشكە بۇيرۇدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ