مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

@ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بەرگەنلەر بۇ ئالدامچىلىقلاردىن ھوشيار بولۇڭ

2022.07.05 00:38 مەنبە: تىيانشان تورى

ھەق ئېلىپ تولۇقلاپ قوبۇل قىلىش، ساختا ياردەم پۇل

...

ئارزۇ تولدۇرۇش ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش باسقۇچىدا

بۇ ئالدامچىلىقلاردىن

ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئائىلە باشلىقلىرى ھوشيار بولۇشى كېرەك

بىرىنچى خىل ئالدامچىلىق

پۇل خەجلەپ نومۇر ئۆزگەرتىش ئالدامچىلىقى

ئالدامچى ئۇنسۇرلار ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ نومۇرغا ئىنتىلىش پىسخىكىسىدىن پايدىلىنىپ

يالغاندىن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىستېمىسىغا كىرەلەيدىغان «ئىچكى قىسىمدىكى زات» بولۇۋېلىپ

ئاتا-ئانىلار ۋە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى

پەقەت يۇقىرى باھالىق «مۇلازىمەت ھەققى» تۆلىسىلا

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى ياردەم قىلىپ ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، دەپ ئالدايدۇ

ئىككىنچى خىل ئالدامچىلىق

تولۇقلاپ قوبۇل قىلىش سانى

ئىچكى كۆرسەتكۈچ ئالدامچىلىقى

«تولۇقلاپ قوبۇل قىلىش» ئالدامچىلىقى دائىم ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئارزۇسى بويىچە قوبۇل قىلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن كۆرۈلىدۇ

ئالدامچىلار ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىغا مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپنىڭ قوبۇل قىلىش سانى توشمىدى

پۇل خەجلەش ئارقىلىق ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى تولۇقلاپ قوبۇل قىلىش سانىغا ئېرىشتۈرگىلى بولىدۇ، دەپ يالغان سۆزلەپ

ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ پۇل-مېلىنى ئالداپ ئېلىۋالىدۇ

يەنە بەزى جىنايەت گۇماندارلىرى ئىمتىھاندىن بۇرۇنلا ھەر خىل باھانىلەرنى كۆرسىتىپ

ئائىلە باشلىقلىرىنى پۇل تاپشۇرۇپ مۇشۇ ساننى ساقلاپ قېلىشقا ئالدايدۇ

  ئۈچىنچى خىل ئالدامچىلىق

  ساختا قوبۇل قىلىش چاقىرىقى ياساش ئالدامچىلىقى

ئالدامچىلار ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى خادىمى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ

ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە ساختا قوبۇل قىلىش چاقىرىقى ئەۋەتىپ

ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئوقۇش خىراجىتىنى بەلگىلەنگەن بانكا ھېسابات نومۇرىغا ئۇرغۇزۇپ، پۇل-مالنى ئالداپ ئېلىۋالىدۇ

ئوخشاش ئالدامچىلىقلاردىن يەنە ساختا تور بېكىتى ياساپ

ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش پۇلى، ئوقۇش پۇلى قاتارلىقلارنى ئالداپ ئېلىۋېلىشمۇ بار

  تۆتىنچى خىل ئالدامچىلىق

  ياردەم پۇلى ئالدامچىلىقى

قانۇنسىز ئۇنسۇرلار قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرىغا ئېرىشكەندىن كېيىن

مائارىپ تارماقلىرىنىڭ خىزمەتچىسى قاتارلىق قىياپەتكە كىرىۋېلىپ

«ئوقۇش مۇكاپات پۇلى» ياكى «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان ياردەم پۇلى» بېرىش سالاھىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، دەپ

رەنە پۇلى ياكى رەسمىيەت ھەققى ئالداپ ئېلىۋالىدۇ

  بەشىنچى خىل ئالدامچىلىق

  ئارزۇ تولدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش ئالدامچىلىقى

قانۇنسىز ئۇنسۇرلار «نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىس» قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ

ئۆزىدە «ئىچكى چوڭ سانلىق مەلۇمات» بار دەپ ئاتايدۇ

ۋاسىتىچىلىك ياكى تور بېكەت، APP قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ

ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە ئارزۇ تولدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، پۇل-مېلىنى ئالداپ ئېلىۋالىدۇ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ