قالتىس! شىنجاڭدىكى بۇ «ئەلاچىلار سىنىپى»دا 27 ئوقۇغۇچى ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى

2022.06.27 20:44 مەنبە: تىيانشان تورى

  يېقىندا، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى بايلىق ۋە مۇھىت شۆيۈەنى يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى 2018-يىللىق 2-سىنىپىدا، پۈتۈن سىنىپ بويىچە 39 ئوقۇغۇچىنىڭ 36سى ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا تىزىملاتقان بولۇپ، 27سى كۆڭلىدىكىدەك ئالىي مەكتەپلەرگە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتتى.

  بۇنىڭ ئىچىدە، 15 ئوقۇغۇچى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىگە، ئىككى ئوقۇغۇچى غەربىي شىمال دېھقانچىلىق-ئورمانچىلىق پەن-تېخنىكا داشۆسىگە، بىر ئوقۇغۇچى خۇاجۇڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىگە، بىر ئوقۇغۇچى بېيجىڭ ئورمانچىلىق داشۆسىگە، بىر ئوقۇغۇچى سىچۇەن يېزا ئىگىلىك داشۆسىگە، بىر ئوقۇغۇچى گۇيجوۋ داشۆسىگە، ئۈچ ئوقۇغۇچى خۇنەن يېزا ئىگىلىك داشۆسىگە، بىر ئوقۇغۇچى چىڭداۋ يېزا ئىگىلىك داشۆسىگە، بىر ئوقۇغۇچى فۇجيەن دېھقانچىلىق-ئورمانچىلىق داشۆسىگە، بىر ئوقۇغۇچى خېبېي يېزا ئىگىلىك داشۆسىگە ئۆتكەن.

  بۇ سىنىپ مەكتەپ بويىچە ئىسمى جىسمىغا لايىق «ئەلاچىلار سىنىپى»غا ئايلانغان بولۇپ، مۇنەۋۋەر ئاتىلىشقا مۇناسىپ!

  بۇ «ئەلاچىلار سىنىپى» زادى قانداق يېتىلدۈرۈلگەن؟ بىز بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ باقايلى:

  بايلىق ۋە مۇھىت شۆيۈەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى گې يىتىڭ يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى 2018-يىللىق 2-سىنىپىنىڭ بۇ نەتىجىسىدىن قىلچە ھەيران بولمىدى: «ئوقۇغۇچىلار ئادەتتە داشۆنىڭ 2-يىللىقىدىلا ئۆزى خالىغان يېتەكچى ئوقۇتقۇچىنى تاللاپ، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىغا ئەگىشىپ داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش بويىچە تۈر تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرىدۇ، تەتقىقات تېمىسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن تارتىپ، ئەڭ ئاخىرىدا تەجرىبە سانلىق مەلۇماتلىرىنى چىقىرىشقىچە، ساۋاقداشلار دەرسخانىدا ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى ئەمەلىيەتكە ھەقىقىي تەتبىقلىيالايدۇ، دەل مۇشۇنداق بىر جەريان بولغاچقا، ساۋاقداشلاردا ئۆز كەسىپىگە قارىتا كۈچلۈك قىزىقىش پەيدا بولىدۇ، بۇ خىل قىزىقىش ئۇلارنى داۋاملىق پەن تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، سىنىپتا ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىش كەيپىياتى قويۇق، ساۋاقداشلار خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتۈپ، بىر-بىرىگە ياردەم بەرگەچكە، پۈتۈن زېھنىنى ئۆگىنىشكە قارىتىپ، مەيلى كەسپىي دەرسلەرنى ئۆگىنىش ياكى ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىشتا بولسۇن، ھەرقايسى سىنىپلار ئۆزئارا بىر-بىرىگە ھەيدەكچىلىك قىلغاچقىلا، مۇشۇنداق نەتىجىگە ئېرىشەلىگەن» دېدى.

  ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدىن بۇرۇن، سىنىپ مەسئۇلى قەيسەر قۇربان سىنىپتىكى ساۋاقداشلارنى ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىشكە سەپەرۋەر قىلغان. ھەر قېتىملىق سىنىپ يىغىنىدا، ئۇ دائىم ساۋاقداشلارغا ياخشى تەكرار قىلىشى كېرەكلىكىنى، ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەستايىدىللىق بىلەن چۈشەندۈرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، دەرس ئوقۇتقۇچىسى شۈ چياۋ يەنە ئالدىنقى قاراردا ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن ئوقۇغۇچىلارنى ئۆگىنىش تەجرىبىسىنى ئورتاقلىشىشقا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىشكە تەكلىپ قىلىپ، ساۋاقداشلارنى يەنىمۇ تىرىشىشقا رىغبەتلەندۈرگەن.

  «سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەلا نەتىجىگە ئېرىشەلىشى ئاساسلىقى سىنىپنىڭ كۈچلۈك ئۇيۇشۇش كۈچىدىن كەلگەن.» يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى 2018-يىللىق 2-سىنىپىنىڭ سىنىپ باشلىقى ليۇ شياۋ مۇنداق دېدى: «سىنىپىمىز كۆپ قېتىم ‹ئىلغار سىنىپ كوللېكتىپى›‹يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىشتىكى ئىلغار سىنىپ كوللېكتىپى›‹تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە كوللېكتىپ بىرىنچى بولۇش›تەك شەرەپلەرگە ئېرىشكەن. نۇرغۇن ساۋاقداشلار ئىلگىرى مەكتەپ، شۆيۈەندىكى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ غوللۇق ئەزالىرى ئىدى.»

  سىنىپنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى سىنىپ ئېرىشكەن مۇكاپاتتىنلا ئەمەس، بەلكى ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىش يولىدا قىلغان ئورتاق كۈرەشتە ئىپادىلىنىدۇ. كۆپچىلىك بىرلىكتە قىيىنچىلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارنى يېڭىپ، ئۆگىنىشتىكى مۇۋەپپەقىيەت ۋە خۇشاللىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدۇ، ئۇلار ھەم ياتاقداش، ھەم «سەپداش».

  يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى 2018-يىللىق 2-سىنىپىنىڭ 6-بىنا 613-ياتىقىدىكى ھەممەيلەن ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتتى. «ياتاقتىكى تۆتىمىز بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ئوخشاش نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلىدۇق، بىر-بىرىمىزنىڭ ھالىغا يېتىش، بىر-بىرىمىزگە ھەمراھ بولۇش بىزگە نۇرغۇن خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى» دېدى خۇنەن يېزا ئىگىلىك داشۆسىگە ئۆتكەن شيا يىشياڭ.

  ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانى بېرىش مەقسىتى تىلغا ئېلىنغاندا، گۇيجوۋ داشۆسىگە ئۆتكەن لو شىڭ مۇنداق دېدى: «ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىشنى تاللىشىمدىكى سەۋەب، ئىقتىدارىمنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىدىن، داۋاملىق ئۆگىنىپ بىلىم ئاشۇرۇپ، سەۋىيەمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرمەكچىمەن.»

  بېيجىڭ ئورمانچىلىق داشۆسىگە ئۆتكەن جاڭ سۇڭيىڭ مۇنداق دېدى: «ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىش جەريانىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىق بار، لېكىن مېنىڭچە ئەڭ قىيىن بولغىنى مۇشۇ نىشاندا چىڭ تۇرۇش.»

  «داۋاملىق چىڭ تۇرۇش ئاسان ئەمەس، ئۆزىڭىزنى مەجبۇرلىغاندىلا، ئاندىن ئۆزىڭىزنىڭ قانچىلىك مۇنەۋۋەر ئىكەنلىكىڭىزنى بىلەلەيسىز، خەت يېزىپ قەلەملىرىڭىزنى خوراتقان بۈگۈنىڭىز، كېيىنكى گۈزەل تۇرمۇشىڭىز ئۈچۈندۇر!» دېدى خۇنەن يېزا ئىگىلىك داشۆسىگە ئۆتكەن شيا يىشياڭ.

  ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش ئىنتايىن جاپالىق بولسىمۇ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى 2018-يىللىق 2-سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بۇ يولدا ھېچقاچان يالغۇز جەڭ قىلغىنى يوق، مەكتەپ، شۆيۈەن ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئۇلارنىڭ مۇستەھكەم يۆلەنچۈكى.

  ئىشىنىمىزكى، ئۇلار كەلگۈسى يولدا تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن كېيىنكى جەڭگە داۋاملىق ئاتلىنىدۇ. سىلەرنىڭ بۇ خىل ئىلگىرىلەش روھىنى مەڭگۈ ساقلاپ، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلەپ ئەڭ ئېگىز نۇقتىدا جەم بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز. يۇلتۇزلار ھامان ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقانلارنىڭ يولىنى يورۇتىدۇ، يىللار تىرىشقانلارنى ئۈمىدسىز قويمايدۇ. ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش يولىدا ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ، بۇ يولىدا چوقۇم تېخىمۇ ياخشى بولغان ئۆزىڭىزنى ئۇچرىتالايسىز.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ